باش بەت

نۇرئىلىم

891يوللانما
1مەستانە

ئۆي ئىچىدە تاماكا چېكىشنى چەكلەشنىڭ يەنە بىر پايدىسى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2015-05-07 19:39 0 ئىنكاس چۈشتى


ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى توماس فىردىن يېقىندا مۇنداق دېدى: مەركىزىمىزدىكى باشقا تەتقىقاتچىلار بىلەن بىللە ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپادىكى تاماكا چەكلەش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان 11 تارماق تەمىنلىگەن ماتېرىياللارنى ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلغاندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردۇق : تاماكا چەكلەش بىلەن يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ھەر ئىككىسى ‹‹تۆھپىسى گەۋدىلىك بولۇش جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە بولۇش››، يەنى بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتى ئىنتايىن گەۋدىلىك ئىكەن.

    توماس يەنە مۇنداق دېدى: گەپنى ئېنىقراق قىلغاندا، ئۆي ئىچىدە تاماكا چېكىشنى چەكلەشنىڭ ئىككىلەمچى تاماكا زىيىنىغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پايدىسى زور بولۇپلا قالماستىن، كىشىلەرنىڭ تاماكا سەۋەبىدىن يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىمۇ تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بولۇپمۇ تاماكىنىڭ ئىككىلەمچى زىيىنىغا ئۇچرايدىغانلارغا ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ، چۈنكى، ئۇلارنىڭ تاماكا سەۋەبلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا %25تىن %30 كىچە يۇقىرى بولىدىكەن، شۇڭا خىزمەت ئورنى، ئاشخانا، مەيخانىلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش يۈرەك ۋە قان تومۇرلىرىغا ئائىت كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号