باش بەت

ئالىمجان ئەنۋەر

10يوللانما
0مەستانە

«تىلىم قۇرسۇن2» فىلىمىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2015-05-14 12:22 0 ئىنكاس چۈشتى


8-ماي ئۆزبېكچە كىنو «تىلىم قۇرسۇن2» فىلىمىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۆزبېكىستاننىڭ داڭلىق كىنو رېژىسسورى جاھانگىر ئەخمىدوف رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «تىلىم قۇرسۇن» فىلىمى2013-يىلى قويۇلغاندىن كېيىن ئۆزبېك خەلقىنىڭلا ئەمەس بىزنىڭمۇ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىمىزگە سازاۋەر بولغان ئىدى.

بۇ فىلىمنى كۆرۈپ باققان تورداشلارغا مەلۇم بۇ فىلىم ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇپ، باش پېرسوناژ مۇرات ئاكىنىڭ چۈشىگە ئانىسى كىرىپ، گەمىدىكى بۆشۈكنىڭ بېشىدىكى بىر كىچىك خۇرجۇندا چاي بارلىقى، بۇ چاينى كىم ئىچسە ئۆزلىكىدىن راست گەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ باشلىنىدۇ. مۇرات ئاكا چاينى ئېلىپ چىقىپ بىرىنچى بولۇپ ئايالىغا ئىچۈرىۋېتىدۇ، ئايالى بولسا قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ «دادەسى» دەپ گەپ باشلىغىنىچە ئۆزىنىڭ مۇرات ئاكىدىن ئۇنى بۇنى دەپ ئالغان پۇللارغا ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالغانلىقىنى، ئېرىنىڭ نېمە دېسە ئىشىنىۋېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئېرىنى مازاق قىلىدۇ. شۇ پەيتتە بۇ كىشىنىڭ ئۆيىنى بېزەۋاتقانلارنىڭ ئىش بېشى كېلىپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسنىڭ چاي ئىچىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ زارلىنىپ ئۆزلىرىگىمۇ چاي تەييارلاپ بېرىشىنى ئېيتىدۇ ھەمدە بايىقى «سېھىرلىك» چاينى ھاي ھاي دېگەنگە قارىماي ئىچىۋېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئادەم يەنە سىمونت ئەكىلىپ بېرشىنى تۈنۈگۈن ئەكىلىپ بەرگەن 2 توننا سىمونتنى مۇرات ئاكىنىڭ قوشنىسىغا ئەرزان باھادا سېتىۋەتكەنلىكىنى، ئۇزۇندىن بېرى مىخ، سىر... دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ يېرىمىنى قوشنىسىغا سېتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئىشىكىنىڭ ئالدىنى بىتۇن قىلغاندا شېغىل ئەمەس بەلكى ئەخلەت يېيىتقانلىقلىرىنى دەۋىتىدۇ ھەمدە، مۇرات ئاكىنىڭ ناھايىتى ئەخمەق، ساددا، كاللىسى ئىشلىمەيدىغانلىقىنى مازاق قىلىپ تېلىقىپ قالىدۇ...

بۇندىن باشقا مۇرات ئاكىنىڭ قىزىغا ئەلچىلىككە كەلگەنلەرنىڭ بۇ چاينى ئىچىپ توي قىلىشتىكى رەزىل مەقسەتلىرىنى ئېچىپ تاشلىغانلىقلىرى، بولغۇسى كۈيئوغۇلنىڭ پاينەك باش ئىكەنلىكى يالغان چاچ كىيىۋالغانلىقى، ئۆزىنىڭ توي قىلىپ ئاجراشقانلىقى، نەچچە يىل تۈرمىدە ياتقانلىقلىرىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمىگەن ھالەتتە ئېيتىپ تاشلىغانلىقلىرى، مۇرات ئاكىنىڭ قىزى بىلەن ئۇنىڭ ئاشىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چاينى ئىچكەندىن كېيىن چوڭلار ئالدىدا يۈزبەرگەن قىزىقارلىق ئىشلار كۆرسىتىلگەن.

  فىلىمنىڭ ئاخىرىدا مۇرات ئاكا بۇ چاينى ئىچىپ ئايالىغا كۆڭلى يېرىم ھالدا نەچچە يىللار ئاۋال بىللە سودا قىلغان دوستىغا خىيانەت قىلغانلىقىنى، مۇشۇ ئۆي جايلارنىڭ، مال-دۇنيانىڭ ئەسلى شۇ دوستىنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى، ھازىر شۇ چاغدا قىلغان ئىشى ئۈچۈن ۋىجدان ئازابى تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كۆز يېشى قىلىدۇ ھەمدە، دوستىنى تېپىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى دوستىغا ئېيتىپ كەچۈرۈم سورايدىغانلىقى دەيدۇ.

  مۇرات ئاكا دوستىنى تاپىدۇ ۋە ئۆيىنى كۆرۈپ ئىچى سىيرىلىپ، دوستىغا ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى، خالىسا ھازىرقى ئۆي-جاي، مال-مۈلۈكنىڭ ھەممىسىنى دوستىغا بېرىدىغانلىقىنى ئېتىدۇ. شۇ ئەسنادا مۇرات ئاكىنىڭ دوستىنىڭ ئوغلى كىرىپ كېلىدۇ، بۇ بالا ئەسلى مۇرات ئاكىنىڭ قىزىنىڭ يىگىتى بولۇپ، مۇرات ئاكىنى كۆرۈپ تونۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ مېڭىپ تەمتىرەپ  ئىشىككە ئۈسۈۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇرات ئاكا «ھېي دوستۇم! مەن ساڭا قەرزدار بوپ قالدىم دەپ ۋىجدان ئازابى تارتىپ يۈرسەم، قارىمامسەن ئىشىمنى خۇدا ئوڭشاپتۇ» دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ...

«تىلىم قۇرسۇن2» فىلىمىمۇ تېخىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، بىر قېتىم كۆرىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ. رېژىسسور جاھانگىر ئەخمىدوفنىڭ چاينى ئىچكەن ئادەمنى پەقەت راست گەپلا قىلىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن مەزكۇر فىلىمى كۆرۈرمەنلەرگە كۈلكە ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، يالغانچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئويلاندۇردى.

بۇ فىلىم ھازىر ئۆزبېكىستاندىكى كىنوخانىلاردا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، پات ئارىدا توردا سۈزۈك نۇسخىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

«تىلىم قۇرسۇن1» فىلىمىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号