باش بەت

del103

3823يوللانما
11مەستانە

iOS 9 دا «تۈرمىدىن قاچۇرۇش» قا ئىمكانىيەت قالدۇرۇلمايدىكەن

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2015-05-25 14:09 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى:

ئالما شىركىتىنىڭ 2015-يىللىق يەرشارى ئەپ ئاچقۇچىلار چوڭ يىغىنى WWDC بۇ يىل 6-ئايدا ئېچىلىدۇ، بۇ قېتىملىق WWDC چوڭ يىغىنىدا، بىز ئالما شىركىتىنىڭ كىيىنكى ئەۋلاد كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسى بولغان iOS 9 نىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىمىز. بۇندىن بۇرۇن ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى يېڭىدىن ئېلان قىلماقچى بولغان iOS 9 ۋە OS X 10.11 قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئىقتىدارىدا ئوموميۈزلۈك ئىلگىرىلەش بولىدىكەن.

ئۇزۇندىن بۇيان، ئالما ئابونتلىرى iOS سىستېمىسىنى «تۈرمىدىن قاچۇرۇش» ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ جانلىق ۋە ئەركىن ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان، ھەربىر ئەۋلاد iOS سىستېمىسى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، مەيلى ئۇنى «تۈرمىدىن قاچۇرۇش» ئۇسۇلى قانچىلىك قىيىن بولسۇن، خاككېرلار قىلچە بەل قويۇۋەتمەستىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاخىرىدا يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆزىنىڭ نىشانىغا يېتىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئالما شىركىتىنىڭ iOS سىستېمىسىنىڭ ئابونتلارغا بېرىلگەن ھوقوقىغا چەك قويۇشىدىكى مەقسىتى iOS ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يامان نىيەتلىك دېتاللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدى ئېلىشتىن ئىبارەت، بىراق، دەل مۇشۇ خىل چەكلىمە iOS سىستېمىسىنىڭ جانلىق ۋە ئەركىن يوسۇندا خىزمەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغاچقا، ئابونتلار ئۇنى ئىشلەتكەندە تازا رازى بولمايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىققان.

ئالما شىركىتى يىقىندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، iOS سىستېمىسىدا ھەرقانداق بىر يوچۇق ساقلىنىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن «تۈرمىدىن قاچۇرۇلۇش» ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئەمما ئالدىنقى ئەۋلاد iOS 8 سىستېمىسى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى تولۇق ئالالمىغان.  بىراق، كىيىنكى ئايدا ئېچىلىدىغان WWDC چوڭ يىغىنى ھەققىدە تارقىلىۋاتقان مىش-مىش ئۇچۇرلارغا قۇلاق سالىدىغان بولساق، ئالما شىركىتى بۇ قېتىم  سىستېمىدىكى «تۈرمىدىن قاچۇرۇش» ئىمكانىيىتى قالدۇرىدىغان بارلىق يوچۇقلارنى تەل-تۆكۈس ئىتىۋېتىدىكەن، يەنى iOS 9 سىستېمىسىنى «تۈرمىدىن قاچۇرۇش» قا ئىمكان قالدۇرمايدىكەن.

ئىگەللىنىشىچە، iOS 9 دىكى يېڭىلىقلار ئاساسلىقى سىستېما ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە تۇراقلىقىنى ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلغان، شۇنداقلا سىستېما يوچۇقلىرى ئىتىۋېتىلگەن. دېمەك، خاككېرلارنىڭ iOS 9 ئۈسكۈنىلىرىنى «تۈرمىدىن قاچۇرۇش» شى تەسكە توختايدىكەن. iOS 9 سىستېمىسىغا پۈتۈنلەي يېڭىدىن تەتقىق قىلىنغان ئىچكى يادرو ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بىخەتەرلىك ئىقتىدارى كۈچلۈك ئىكەن، شەخسي ۋە سەزگۈر ئۇچۇرلارنى قوغداش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ، يامان نىيەتلىك دېتاللارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن، كىيىنكى ئەۋلاد iOS سىستېمىسى تارقىتىلغاندىن كىيىن، ئالما مەستانىلىرى بەلكىم «تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان» ئۈسكۈنىنىڭ ھوزورىنى قايتا سۈرەلمەسلىكى، خاككېرلارمۇ ئاسانلىقچە ئۇنىڭغا قارىتا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلمەسلىكى مۇمكىن.

 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号