باش بەت

ئەلقەم ئەنۋەر

1316يوللانما
1مەستانە

ئالاقە تورى خەۋپسىزلىكى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان قىلمىشلار

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2015-06-01 09:40 0 ئىنكاس چۈشتى


ئېلىمىزنىڭ ئالاقە تورى ئىشلىرى دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا تېز تەرەققىي قىلدى ھەمدە ھەر قايسى ساھەلەرگىچە سىڭىپ كىردى. بۇنىڭ بىلەن ئالاقە تورىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت مەنپەئەتىنى قوغداش، شەخسلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا قانۇنىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتەك بىر قاتار ئىشلار پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغايدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. 

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقە تورى خەۋپسىزلىكىنى قوغداش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى ئالاقە تورى خەۋپسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە جىنايەت شەكىللەندۈرگەن، دەپ قارىلىپ، جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 

1. ئالاقە تورى خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە: (1) دۆلەت ئىشلىرى، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ كومپيۇتېر ئۇچۇر تورىغا ئۇسۇپ كىرگەن، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى سىستېما ئىشلەپ، تارقىتىپ، ئالاقىلىشىش تورىغا ھۇجۇم قىلىپ، كومپيۇتېر سىستېمىسى ۋە ئالاقىلىشىش تورىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار؛ كومپيۇتېر تورى ياكى ئالاقىلىشىش مۇلازىمىتىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ، كومپيۇتېر سىستېمىسى ۋە ئالاقىلىشىش تورىنى نورمال يۈرۈشمەيدىغان قىلىپ قويغانلار. 

2. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش جەھەتتە: ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، بوھتان چاپلاپ ياكى باشقا زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، تارقىتىپ، دۆلەت ھاكىمىيتىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلار ياكى دۆلەتنى پارچىلاشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلار؛ ئالاقە تورى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ مەخپىيتى، ئاخباراتى ياكى ھەربىي مەخپىيىتىنى ئوغرىلىغانلار، ئاشكارىلاپ قويغانلار؛ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار؛ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ بىدئەتچىلەر تەشكىلاتى قۇرۇپ، بىدئەتچىلەر تەشكىلاتى قۇرۇپ، بىدئەتچىلەر تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار. 

3. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپى ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىنى ساقلاش جەھەتتە: ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ساختا، ناچار بۇيۇملارنى ساتقانلار ياكى تاۋار، مۇلازىمەتنى ساختا تەشۋىق قىلغانلار؛ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ سودا ئىناۋىتى ۋە تاۋار داڭقىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر؛ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىغا تەسىر يېتىدىغان ياكى پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان باشقا ساختا ئۇچۇرلارنى تۇقۇپ چىققانلار ياكى تارقاتقانلار؛ ئالاقە تورىدا شەھۋانىي تور بېكىتى، تور بېتى قۇرۇپ، شەھۋانىي پونكىت، نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلغانلار ياكى شەھۋانىي گېزىت-ژۇرنال، سۈرەت، ئۈن-سىن، سۈرەتلىرىنى تارقاتقانلار. 

4. شەخسلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ جىسمانىي مال-مۈلۈك قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇنىي ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە؛ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى ھاقارەتلىگەنلەر ياكى پاكىت ئويدۇرۇپ، باشقىلارغا بوھتان چاپلىغانلار؛ باشقىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىلىرى ياكى باشقا ماتېرىياللىرىنى قانۇنسىز ئېلىۋېلىپ، بۇرمىلاپ، ئۆچۈرۋېتىپ، پۇقرالارنىڭ ئالاقىلىشىش ئەركىنلىكى ۋە مەخپىيەتلىكىگە چېقىلغانلار؛ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ مۇشۇ قارارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلاردىن باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى. ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىغا بىنائەن جازا بېرىدۇ؛ باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە مەمۇرىي چارە ياكى ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلىدۇ. ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېقلغانلاردىن باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بۇيىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号