باش بەت

ئوغلان0996

2955يوللانما
13مەستانە

ئىككىلەمچى تاماكا ۋە بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2015-06-13 10:23 0 ئىنكاس چۈشتى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: دائىم ئىككىلەمچى تاماكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بالىلاردا نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، زىققا، ئۆپكە ئىقتىدارى چېكىنىش، ئۆتكۈر ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى ۋە قايتىلانما ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى كېسەللىكلىرى كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ، ئىككىلەمچى تاماكا بالىلارنىڭ ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ؛ ئەڭ يامىنى شۇكى، ئىككىلەمچى تاماكىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك مۇھىتتا ياشىغان بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە چېكىنىپ كېتىدۇ. ئىككىلەمچى تاماكىنىڭ زىيىنىنى بىلىپ يەتكەن، شۇنداقلا تاماكىنى ئوچۇقچىلىق ۋە بالىسى يوق يەردە چېكىدىغان بولسىمۇ، لېكىن تاماكىدىكى زەھەرلىك ماددىلار چوڭلارنىڭ كىيىمى بىلەن چېچىغا سىڭىپ كېتىدۇ، بۇ نەرسىلەر بالىغا يېقىنلاشقان ھامان ئۇلارغا يۆتكىلىپ «ئۈچلەمچى» تاماكىنىڭ زىيىنى بارلىققا كېلىدۇ. يەنەبىر مەسىلە شۇكى، تاماكا چېكىدىغان ئاتا-ئانىلار بالىسىدىن نېرى تۇرۇپ تاماكا چەكسىمۇ، لېكىن بالىلىرىنىڭ تېنىدىكى نىكوتىن ئاتا-ئانىسى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا يەتتە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号