باش بەت

ئوغلان0996

3020يوللانما
23مەستانە

ئاپتول چىرىقىنىڭ يېنىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2015-06-28 11:58 1 ئىنكاس چۈشتى

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاپتول بېسىمى يۇقىرى بولۇپ كەتسە ياكى بەك تۆۋەن بولۇپ قالسا موتورنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا موتورنىڭ زاپچاسلىرى زەخمىگە ئۇچرايدۇ. ئاپتول چىرىقى سىگنال بەرگەن ھامان دەرھال سەۋەبىنى ئىزدەش كېرەك. بۇ خىل سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:

1. ئاپتول مىقدارىنىڭ يېتىشمەسلىكى ئاپتول بېسىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. موتورنىڭ تېمپراتۇراسى زىيادە ئۆرلەپ كەتسە ئاپتول سۇيۇلۇپ ئېقىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاپتول بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ.

3. ئاپتول پومپىسى زاپچاسلىرىنىڭ ئۇپراپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەردىن ئاپتول پومپىسى ئاپتول چىقىرالمايدىغان ياكى چىقارغا ئاپتول يېتىشمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

4. چەينەكلىك ئوقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ماسلاشتۇرۇش ئارىلىقى مۇۋاپىق بولمىسا ئاپتول بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ.

5. ئاپتول سۈزگۈچ، ئاپتول سۈمۈرۈش تەخسىسى توسۇلۇپ قالسا، ئوخشاشلا ئاپتول بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ.

6. ماي قايتۇرۇش كىلاپانى  بۇزۇلسا ياكى نورمال ئىشلىمىسە، ئاپتول بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

7. ئاپتولنى خاتا تاللاپ قويغاندىمۇ ئوخشاشلا ئاپتول بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ.

8.ئاپتول تۇرۇبىسىدا ماي ئېقىش ئەھۋاللىرى بولسىمۇ، ئاپتول چىرىقى يېنىپ قالىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاۋۇت2 ئاي ئىلگىرى

    9. ئاپتۇل بېسمىنى ئۆلچەش سېنزورىدىن چاتاق چىقسمۇ ئوخشاشلا ئاپتول چىرىقى يېنىۋالدۇ .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号