باش بەت

گۈلمىرە شەمشىدىن

1566يوللانما
1009مەستانە

ساغلام يېمەكلىك، يەرمەنكىنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى - ئەلنۇرى ئۇنلىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2015-07-26 13:10 0 ئىنكاس چۈشتى


     جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ ئىنسانلارنىڭ ئاڭ، ساغلاملىق، مەدەنىيەت قارىشىدا ئۆزگىچە بۆسۈشلەر مەيدانغا كەلدى. يەنى ھاياتنى ساقلاش ئۈچۈن قورساق توقلاش، قورساق توقلاش ئۈچۈنلا تاماق ئىستېمال قىلىش ئەمەس. بەلكى ساغلاملىقنى ئاساسىي مىزان قىلغان ھالدا ئاسان ھەزىم بولدىغان، ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى، خىمىيىۋىلىك تەركىبلەردىن خالىي يېمەك –ئىچمەكنى ئىستېمال قىلىش، بۇ ئارقىلىق بەدەنگە ھەقىقىي ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈش، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇنداقلا ئەقلىي ئىقتىدارنى ئېچىشتىن ئىبارەت مەقسەتلەرگە يېتىشنى ئاساسىي ئىستېمال نىشانى قىلدىغان بولدى.

بازار ئىگەللەشكە ماھىر، ئالدىن كۆرەر، تىرىشچان بىر قىسىم كارخانچىلىرىمىز كىشىلىرىمىزنىڭ يېمەك –ئىچمەككە بولغان يۇقارقى تەلەپلىرىنى بالدۇر بايقاپ بۇ توغرىسىدا ئۇزۇن مەزگىل ئىزدىنىپ، توختىماي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دىيارىمىزدىكى ئەۋزەل شارائىت، مول تەبىئىي بايلىق، يەرلىك مەھسۇلاتلار بىلەن زامانىۋى ئىلغار تېخنىكىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئەل تەلەپ قىلغان يېشىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سالدى. بۇ مەھسۇلاتلار ئەل قەلبىگە ياقتى ۋە ئەل ئېتىراپىغا ئېرىشتى.

بۈگۈنكى زىيارىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئوبيېكتى بولغان «شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى»مۇ ئەنە ئاشۇنداق ئەل ساغلاملىقى ئۈچۈن يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىشتىكى باشلامچى كارخانلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


 «شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» 1995-يىلى ئۇن پىششىقلاش كەسپىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان، بۇ كارخانا مەھسۇلاتنىڭ ساپ تەبىئىي، شۈبھىسىز  پىششىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ھازىر كەسىپ دائىرىسى ساپ تەبىئىي ئۇندىن كەلپىن چامغۇرى ۋە مېۋە-چېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساپ تەبىئىي گۈرۈچچىلىك، ئېكولوگىيىلىك دېھقانچىلىق مەيدانى، شۇنداقلا مېھمانساراي، تاماقخانا قاتارلىق كەسىپلەرگە كېڭەيتىپ، مۇقىم خىزمەتچى خادىمى 150 نەپەردىن ئاشقان پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش ۋە مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال كارخانىغا ئايلاندى.


 

 

بۇ شىركەت ئىستېمال تەننەرخى تۆۋەن سۈپەتسىز مەھسۇلاتلار ئارقىلىق بازارنى تېز ئىگىلەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلماستىن دەل ئەكسىچە ساپ، تەبىئىي، پاكىز، قۇۋۋەتلىك ھەم ئورگانىزىمغا پايدىلىق بولغان ئۇنلارنى ئىستېمال قىلىشقا يېتەكلەش مەقسىتىدە ئۇزۇن يىل ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق  2014-يىلى ھەرخىل بۇلغىنىشلاردىن يىراق دۆلەت دەرىجىلىك ئىكىلوگىيىلىك رايون شىنجاڭ كەلپىن ناھىيە بازىرى تاغ باغرىدا ئورگانىك يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى بويىچە 1- باسقۇچتا 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار بولغان، كۈندىلىك بۇغداي پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى 150 توننىلىق، بەشتىن خالىي ھەقىقىي ساپ تەبىئىي ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئۇن زاۋۇتى بىلەن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 5000 توننىلىق مېۋە-چېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى ئاساس قىلىپ كۆلەملەشكەن بىر سانائەت باغچىسى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈردى. بۇ شىركەت يەنە 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلىتىمىز بويىچە بىردىن بىر، خىمىيىلىك پاراشوكتىن خالىي، بۇلغانغان ھاۋادىن، بۇلغانغان سۇدىن، سۈپەتسىز بۇغدايدىن خالىي، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئوزۇقلۇق ئېلىمىنىتلىرى كۆيدۈرىۋېتىلىشتىن خالىدىن ئىبارەت بەشتىن خالىي ئەلنۇرى ساپ تەبىئىي ئائىلە ئۇنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىپ ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلىدىغان كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.



ئەل ساغلاملىقى ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىۋاتقان ئەلنۇرى شىركىتى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى باشلانغان 2-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسىگە پۇختا تەييارلىق بىلەن قاتنىشىپ، سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن دۆلىتىمىز بويىچە بىردىن بىر ئۇندىكى ئوزۇقلۇق ئېلمېنىتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېزىش ئۈسكۈنىلىرىگە گىرادۇس قويۇپ تۆۋەن تېمپۇراتۇرىدا پىششىقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىنغان بەشتىن خالىي ئەلنۇرى تۈگمەن ئۇنى، بۇغداينىڭ جەۋھىرى قىسمىدىن ئىنچىكە ئايرىۋېلىنغان ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ئۇن جەۋھىرى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي ئېشىپ كېتىش، ۋە دىئابىت بىمارلىرىنىڭ ئىستېمالىغا ماس كېلىدىغان قارا ئۇن قاتارلىق ئالاھىدە كىچىك ئورالمىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇردى. بۇ مەھسۇلاتلار يەرمەنكىگە قاتناشقان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىستېمالچى ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.


ئەلنۇرى شىركىتى يەنە بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە ئەلنۇرى ماركىسى ئاستىدىكى ئەلنۇرى شال گۈلى، پولو شاھى ۋە ئائىلە ماركىسىدىكى ساپ تەبىئىي گۈرۈچلەرنىمۇ ئېلىپ كەلگەن بولۇپ يەرمەنكە ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭدىن ۋاكالەتچى چاقىرىدىغانلىقىنى ھەمدە ۋاكالەتچى تۇرغۇزۇلمىغان بىرقىسىم ناھىيە ۋە شەھەرلەردىن ۋاكالەتچى تۇرغۇزغانلىقىنى بىلدۈردى.


 

ئەلنۇرى شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئالىم نىيازنىڭ بىلدۈرىشىچە : ئەلنۇرى شىركىتى بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىستېمالچىلارنى زىيانسىز، يېشىل ۋە ئورگانىك مەھسۇلاتلار بىلەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تەمىنلەش ئۈچۈن، ئۆزلىرىدە ھازىر بار بولغان ئېكىئولوگىيىلىك دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئاساس قىلىپ، رايونىمىزدىكى يەر ئىگىدارلىرى ۋە دېھقانلار بىلەن ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاپ، ھەرخىل خىمىيىۋى دورىلار ئىشلىتىلمەيدىغان ئورگانىك دېھقانچىلىق رايونى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە سانائەت باغچىسىنىڭ تېرىشتىن تارتىپ ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان جەريانلىرىنى خىمىيىلىك دورىلاردىن بۇلغىنىشتىن خالىي قىلىپ، ئورگانىك ئۇن، ئورگانىك كەلپىن چامغۇرى، ئورگانىك چىلان ۋە ئورگانىك ئۆرۈك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بازىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەلنۇرى شىركىتىنى ساپ-تەبىئىي ئورگانىك مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىشتىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلاندۇرۇپ ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقىغا ھەسسە قوشۇش !


زىيارەت ئاخىرىدا باش دېرىكتورى ئالىم نىياز يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئائىلىسىنىڭ بەختى ئۈچۈن ئاساسى يېمەكلىك بولغان ئۇنغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى يەنى ھەر جەھەتتىن تەننەرخ تۆۋەنلىتىلىپ خېمىيىلىك پاراشوكلار ئارقىلىق سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئۇنلارنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىپ ھەقىقىي ساپ تەبىئىي، يېيىشلىك ۋە پاكىز ئۇن ئىستېمال قىلىشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.        

 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号