باش بەت

نۇرئىلىم

891يوللانما
1مەستانە

يۇقىرى ئۆلچەملىك بېنزىن ﮬەر قانداق ئاپتوموبىلغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2015-08-05 12:38 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورى خەۋىرى. قانداق قىلغاندا ئاپتوموبىلنى تېخىمۇ ياخشى ﮬەيدىگىلى بولىدۇ؟ ئاپتوموبىلنى ﮬەيدىگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ تۆۋەندە بېنزىنغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىككى نۇقتىنى سۆزلەپ ئۆيىمىز. 1. يۇقىرى سۈپەتلىك بېنزىن ﮬەممىلا ئاپتوموبىلغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتوموبىلىغا يۇقىرى سۈپەتلىك بېنزىن ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ﮬەتتا، يۇقىرى سۈپەتلىك بېنزىننى يېقىلغۇنىڭ ساپلىقى ۋە سۈپەتنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك بېنزىن بېنزىنىڭ ئوكتان قىممىتى يەنى پارتلاشقا قارشى قىممىتىگە قارىتىلغان بولۇپ، ساپلىقى ۋە سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. 93-نومۇرلۇق بېنزىن ئىشلىتىلىش بېكىتىلگەن ئاپتوموبىلغا 97-نومۇرلۇق بېنزىن ئىشلەتكەندە، يېقىلغۇ توختاپ قېلىش ﮬادىسىسى يۈز بېرىدۇ. ماي كىلاپانىنى ﮬەر قانچە دەسسىگەن بىلەنمۇ بېنزىن تولۇق كۆيمەي، بۇلغىنىش ۋە ئىسراپچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. 2. ماي كىلاپانىنى توغرا دەسسەش ئارقىلىق بېنزىن تېجەش. نۇرغۇن كىشىلەر ماي كىلاپانىنى دەسسىگەندىكى ئارقىغا سىلجىش كۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما، بۇنداق قىلغاندا ماينى ﮬەسسىلەپ خورىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خورىغان بۇ ماي ئاپتوموبىلنىڭ مۇساپە سانىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇڭا ئېنىرگىيەنى تېجەش ئۈچۈن ئاپتوموبىلنى بىر خىل سۈرئەتتە ﮬەيدەش، ئەگەر سۈرئەتنى تېزلەتمەكچى بولساق، ماينى ئاستا بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈرئەتنى تورمۇز ئارقىلىق ئاستىلاتماي، ماي كىلاپانىنى قويۇۋېتىش ئارقىلىق ئاستىلىشى كېرەك. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号