باش بەت

ئادىل

4644يوللانما
1مەستانە

قىزىقارلىق ماشىنا بىلىملىرى: ماشىنا دۇنياسىدىكى ئەڭ

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2015-08-18 13:52 0 ئىنكاس چۈشتى


باش ماقالە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەڭ بۇرۇنقى ماشىنا كۆرگەزمىسى

1894-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، پارىژ Champs - Elysees كوچىسى سانائەت سارىيىدا دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى ماشىنا كۆرگەزمىسى-«دۇنيا ۋېلسىپىت، ماشىنا كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلگەن. ئەينى ۋاقىتتا توققۇز شىركەت كۆرگەزمىگە قاتناشقان، مەھسۇلاتتىن ۋېلسىپىت، موتسىكىلىت، ھور ماشىنىسى ۋە بېنزىن ماشىنىسى قاتارلىقلار بار ئىدى.




ئەڭ دەسلەپكى ماشىنا بىرلەشمىسى

1895-يىلى 11-ئاينىڭ1-كۈنى، ئامېرىكىدىكى چارلېز برىگ جىننېر ئىسىملىك كىشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويىشى بىلەن چىكاگودا ماشىنا بىرلەشمىسى قۇرۇلغان. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى ماشىنا بىرلەشمىسى بارلىققا كېلىپ 11 كۈندىن كېيىن يەنە ھەيئەت ئەزا سايلىمىغان، يەنە رەسمىي جەمىيەت شەكىللەندۈرمىگەن ۋاقىتتا 1895-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى فرانسىيە پارىژ پۇلاس دې لوپېلا 4-نومۇرنى باش شىتاب قىلغان «فرانسىيە ماشىنا كۇلۇبى» قۇرۇلغان. بۇ كۇلۇب بۈگۈنكى خەلقئارا ماشىنا بىرلەشمىسى (FIA) نىڭ ئاساس سالغۇچىسى. 


ئەڭ چوڭ ماشىنا كۆرگەزمىسى

1985-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، 26-نۆۋەتلىك توكيو ماشىنا كۆرگەزمىسى ياپونىيە توكيودىكى ھارۇمى يىغىن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن. جەمئىي كۆرگەزمە قىلىنغان ماشىنا 1000 دانە، زىيارەت قىلغۇچىلار 1.20 مىلىيونغا يەتكەن، ئەينى دەۋردىكى ئەڭ چوڭ كۆرگە. ئەڭ دەلسەپكى ماشىنا رېمونىت زاۋۇتى 1895-يىلى12-ئايدا فرانسىيەنىڭ (Bordeaux) بوغدودىكى سان كىلەيىغ كوچىسى41 -نومۇر، ۋىنسېنت بوللوغى (Vincent Bollore) ئاچقان دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى ماشىنا رېمونت زاۋۇتى. بوللوغىنىڭ رېمونت زاۋۇتىنىڭ ئەسلىھەسى تولۇق، يەنە ھەرخىل تۈرلۈك ئاسىراش، رېمونت قىلىش ۋە ماشىنا يۇيۇش سېغى لاھىيەلەنگەن، ماشىنا رېمونت قىلغۇچىلار پەقەت بىر كەچتىلا رېمونت قىلىپ بولىدۇ. 


دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى ماشىنا ئېلان

1900-يىلى ئامېرىكىدىكى بىرىنچى ماشىنا زاۋۇتى -(Oldsmobile) ئولدىسموبىل ماشىنا زاۋۇتى، ئاتا-بالا زاۋۇتنىڭ ئىشىكىگە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بەلگە تاختىسى تىكلىگەن، ئۈستىگە «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا زاۋۇتى» دەپ يېزىلغان يولدىن ئۆتكۈچىلەر ئىختىيارسىز قەدىمىنى توختىتىپ قارىغان. 

ماشىنا زاۋۇتىنىڭ كۆلىمى، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدىن قارىغاندا، گېرمانىيەنىڭ تۆۋەنكى ساكسون شىتاتى ۋولفىسبۇگ (Wolfsburg) دىكى ۋەلكىسۋەكىن ماشىنا زاۋۇتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەككە خاراكتىرلىك ماشىنا زاۋۇتى. زاۋۇت ئۆيىنىڭ ئىگەللىگەن كۆلىمى 145 گېكتار، پۈتۈن زاۋۇتنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 2000 گېكتار، ماشىنىنى ئىسكىلاتقا ئەكىرىشكە ئىشلىتىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 72 كىلومتېر كېلىدۇ. 


دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا شىركىتى

ئامېرىكا دىترويىتتىكى ھەممىباب ماشىنا شىركىتى بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا شىركىتى، بۇ شىركەتنىڭ ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا ھەم كۆپ يىل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سانائەت شىركىتى بىرىنچىلىكىنى ئىگەللىگەن. 1998-يىلى يەرشارى سېتىش مىقدارى 8.15 مىلىيونغا يەتكەن، ئومۇمى خىزمەتچىسى 610 مىڭ كىشى. 


ئىشلەپچىقارغان ماشىنىسى ئەڭ كۆپ شىركەت

1996-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئامېرىكا فورد ماشىنا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ھەرخىل ماشىنا جۇغلانمىسى 250 مىلىيونغا يىتىپ، دۇنيادىكى ئىشلەپچىقارغان ماشىنىسى ئەڭ كۆپ شىركەتكە ئايلانغان. ناۋادا فورد شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىشلەپچىقارغان ماشىنىنى بىردىن بىردىن رەتكە تۇرغۇزساق، ئۇزۇنلۇقى يەرشارىنى 30 نى ئورايدۇ. ھېسابلاپ چىقارساق، دۇنياغا تارقالغان فورد ماشىنىسىنىڭ ئومۇمى مۇساپىسى 4 مىلىيارد كىلومېتىرغا يەتكەن. نۆۋەتتە فورد شىركىتىنىڭ 18 دۆلەتتە 47 ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بار، بۇ سان باشقا ھەرقانداق ماشىنا ياساش زاۋۇتىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. 


دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانى

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا ئىسكىلاتى تىجارەت شىركىتى، ئامېرىكىدىكى (khawla garage co) خاۋلا ماشىنا ئىسكىلاتى شىركىتى چىكاگودا بىر زال ئىچى ماشىنا توختىتىش مەيدانى قۇرغان، جەمئىي ئالتە قەۋەت، ئوخشاش ۋاقىتتا 9250 پىكاپ توختاتقىلى بولىدۇ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زال ئىچى ماشىنا توختىتىش مەيدانى. ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتى شەرقى روزۋېلىت شەھىرى تەنتەربىيە مەيدانى، كىرىپ چىقىش قولايلىق، كۆرۈش دائىرىسى كەڭرى، بىر قېتىمدىلا 26500 ماشىنا توختاتقىلى بولىدۇ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زال سىرتى ماشىنا توختىتىش مەيدانى. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号