باش بەت

ئوغلان0996

3020يوللانما
23مەستانە

بىر قىسىم ئاياللارنىڭ نىكاھتا مەغلۇب بولۇشىدىكى سەۋەبلەر

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2015-08-22 09:12 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:  يىگىتلەر ئائىلىنى قامداشنى بىلىدىغان، سودا سېتىققا ماھىر، نىكاھنى قەدىرلەيدىغان، ئۆز ئائىلىسىگە بەخت ۋە ئامەت ئېلىپ كېلىدىغان قىزلار بىلەن توي قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا يىگىتلەر مۇھەببەتلەشىش جەريانىدا كۆزىتىشنى ياخشى ئۆگىنىۋېلىشى، لايىقىنىڭ تۇرمۇشتا تېجەشلىك ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك، بۇ جەرياندا لايىقىنىڭ بەدخەج ياكى ئەمەسلىكىنى، جورا بولۇشقا يارايدىغان ياكى يارىمايدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.


تېجەشلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرمەسلىك، پۇلنى سۇدەك خەجلەش.


ئەركىشى بەدخەج  بولسا ئائىلىدە كرىزىس پەيدا بولىدۇ، ئاياللار بەدخەج  بولسا ئ‍ەرنىڭ پۇلى ھەرقانچە كۆپ، ئىقتىدارلىق بولسىمۇ، ئاياللارنىڭ خەجلىشىگە يەتمەيدۇ، ئۇقۇمۇشلۇق ئاياللار خەجلىگەن پۇلنىڭ قىممىتىنى بىلىدۇ، پۇل خەجلىگەچ بىرنى ئىككى قىلىش ئۈچۈن پۇلنى بانكا كارتىسىدا ساقلاشنى بىلىدۇ.

 

ئ‍ېرىنى دائىم ئ‍ۆزىگە ھەمراھ بولۇشقا مەجبۇرلاپ، ئەرلەرنىڭ پۇل تېپىش يولىنى توسۇپ قويۇش.


 ئەرلەرگە دوست كېرەك، شۇنداقلا كەسىپ جەھەتتىكى مۇۋاپپىقىيەت كېرەك، ئاياللار كۆزى كىچىكلىك قىلىپ، ئېرىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى قوللىمىسا، ئ‍ۇنى زورلۇق بىلەن چەكلەپ قويسا،ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئەر كىشىنىڭ ئالاقە چەمبىرىكى  كىچىكلەپ بارىدۇ، ئۇنىڭ يوقاتقىنى ئۇنىڭ دوستلىرى بولماستىن بەلكى نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەر  بولۇشى مۇمكىن.


ئ‍ېرىنى ھۆرمەت قىلىشنى، يۈزىنى قىلىشنى بىلمەسلىك.


 ئەرلەر يۈز ئابرۇيىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ،ئۇلار يۈزمۇيۈز تۇرۇپ ھەرقانداق ئېغىر گەپلەرنى قىلسىڭىزمۇ كۆتۈرىدۇ، بىراق ئارقىسىدىن سۆز چۆچەك تارقىتىپ يۈرۈشىڭىزگە يول قويمايدۇ، دوستلىرى، خىزمەتداشلار ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ شەخسىيتىنى  ئېچىپ تاشلىغان ئاياللار ھەرگىزمۇ ئەرلىرىنى خۇشال قىلالمايدۇ، ئەرلەر بەزىدە مېھرىبان جورىغا ئەمەس، بەلكى كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان، سىر ساقلىيالايدىغان جورىغا موھتاج بولىدۇ.


كۈنبويى ئېرىدىن گۇمانلىنىپلا يۈرۈش.


 ئاياللارنىڭ ئېرىدىن ئۇزاق ۋاقىت گۇمانلىنىشى ئ‍ەرلىرىنى بىزار قىلىدۇ،  ئۇنداق ھالەتتە، ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگۈسى كەلمەي قالىدۇ، شۇڭا ئۇنى ياخشى كۆرگەنىكەنسىز، چوقۇم ئۇنىڭغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك.


كۈنبويى ئ‍ېرىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈش، مۇستەقىللىققا ئىگە بولماسلىق.


 بۇنداق ئاياللارغا ئەرلەر بىر كۈن بەرداشلىق بېرەلىشى مۇمكىن، ئەمما بىر ئ‍ۆمۈرچىداپ ئۆتەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا ئاياللار مۇستەقىللىقنى بىلىشى كېرەك، مۇستەقىل ئاياللار جەلىپكارلىققا تولغان بولىدۇ، ئەمما مۇستەقىل ياشىيالمايدىغان ئاياللار تولىمۇ قورقۇنچلۇق. ئىدىيە جەھەتتە مۇستەقىل بولمىغان ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدا كوتولداپ، بىر قىسىم زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئەركىشى خىزمەتكە مۇستەقىل كىرىشەلمەيدۇ، شۇڭا ئاياللار ئېرىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىمۇ ئۇنىڭ كۆزگە كىرىۋالماسلىقى كېرەك.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号