باش بەت

ئادىل

5039يوللانما
2مەستانە

97-نومۇرلۇق بېنزىن ۋە 93-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ قانداق پەرقى بار؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2015-08-29 17:16 0 ئىنكاس چۈشتى

97،93،90-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ كۆرسىتىدىغىنى بېنزىندىكى ئوكتان قىممىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئوكتان قىممىتى قانچە يۇقىرى بولسا بېنزىن يۇقىرى تېمپىراتۇرا، يۇقىرى بېسىمدا شۇندا ئاسان يېنىپ كۆيمەيدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى نۆۋەتتىكى بېنزىن ماتورنىڭ پورشىنغا تايىنىپ ئاۋال تۇمانلاشقان بېنزىن ھاۋا ئارىلاش گازىنى قىسىپ، ئارقىدىن ئۇچقۇنلاتقۇچ (سىۋىچ) ئارقىلىق ئوت ئالدۇرۇپ كۆيدۈرۈپ شىددەت بىلەن كېڭەيتىپ پورشىننى ئالغا سىلجىتىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما بېنزىندا مەسىلە بار، قىسىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە بېنزىن ئوت ئېلىپ كۆيىدۇ، مۇشۇ ۋاقىتتا پورشىن تېخى مۇساپەت چوققا نۇقتىسىغا يەتمىگەندە بېنزىن ئوت ئېلىپ كۆيسە (تەخمىنەن 1:9) ناھايىتى كۆپلىگەن يېقىلغۇنى ئىسراپ قىلىپ ماتورنىڭ ئات كۈچىنىڭ كىچىك بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەكىسچە بېنزىننىڭ كۆيۈشتىن ئىلگىرى-كېيىنكى كېڭىيىش نىسبىتى 1:9 دىن چوڭ بولىدۇ، يەنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ناۋادا ماتورنىڭ قىسىش نىسبىتىنى 1:9 غا دىسەك، پورشىن كۆيگەن گازنى ئەڭ تۆۋەنكى ئۇچقا ئىتتىرگەندە گاز چىقىش ئېغىزى ئېچىلىدۇ، كۆيگەن كېرەكسىز گاز ماتورغا سىقىپ چىقىرۋېتىلىدۇ، ئەمما مۇشۇ ۋاقىتتىكى كېرەكسىز گاز يەنىلا يۇقىرى تېمپىراتۇرا، يۇقىرى بېسىملىق گاز، ئەسلىدىن پورشىننى داۋاملىق ئالغا سىلجىتەلەيدۇ، ئەمما گاز سىلىندىرىنىڭ ھەجىمى چەكلىك بولغانلىقتىن، بۇ يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك گازنى چىقىرۋېتىدۇ. 


يىغىنچاقلىساق:

1. بېنزىن قىسىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئوت ئالدۇرماسلىق كېرەك، ئەڭ ياخشىسى پورشىن گاز سىلىندىرىنىڭ چوققا نۇقتىسىغا يەتكەندە ئاندىن ئۇچقۇنلاتقۇچ (سىۋىچ) تەرىپىدىن كۆيدۈرۈش كېرەك. كۆيدۈرمىگەن ۋاقىتتا، ئەڭ ياخشىسى قانچە كېيىن كۆيدۈرگەندە ماتورنىڭ قۇۋىتى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، پەقەت قىسىش نىسبىتى 1:9 دىن كىچىك بولسىلا بېنزىن كۆيمەيدۇ، ماتورنىڭ قۇۋىتى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. 

2. گاز سىلىندىرىنىڭ بېسىمى قانچە چوڭ بولسا كۆيگەن گاز پورشىننى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ كۆپ ئىش ئىشلەيدۇ، ماتورنىڭ قۇۋىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. 


سىز 93-نومۇرلۇق بېنزىننى ئىشلەتكەندە، گاز سىلىندىرى ئىچىدىكى سېنزور ئارىلاش گازدادا تەۋرىنىش بولغان ۋاقىت t نى بايقايدۇ، شۇڭا ماتورنىڭ ecu (كومپيۇتېر) ئۇچقۇنلاتقۇچ (سىۋىچ)نى كونترول قىلىپ  t  ۋاقىتتىن ئىلگىرى ئوت ئالدۇرىدۇ. سىز 97-نومۇرلۇق بېنزىن ئىشلەتكەندە، گاز سىلىندىرى ئىچىدىكى سېنزور ئارىلاش گازنىڭ تەۋرىنىش ۋاقتىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقى T نى بايقايدۇ (T بولسا t نىڭ ئارقىدا قالغان)، شۇڭا ecu (كومپيۇتېر) ئۇچقۇنلاتقۇچ (سىۋىچ)نى كونترول قىلىپ T دىن ئىلگىرى ئوت ئالدۇرىدۇ،  T ئارقىدا قالغانلىقتىن، بۇ ۋاقىتتىكى پورشېننىڭ گاز سىلىندىرىنىڭ ئۈستىنكى توختاش نۇقتىسىغا تېخىمۇ يېقىن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوت ئېلىشتىن ئىلگىرى سەرپ قىلغان ئېنىرگىيە تېخىمۇ كىچىك بولغانلىقتىن، ماتورنىڭ قۇۋىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.


بۇ كۆپچىلىكنىڭ نېمە ئۈچۈن 97-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ 93-نومۇرلۇق بېنزىنغا قارىغاندا كۆيۈشكە چىدامچاندەك ھېس قىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئەسلى زاۋۇت 93-نومۇرلۇق بېنزىن ماتورغا 97-نومۇرلۇق بېنزىننى ئىشلەتكەندە ھېچقانداق مەسىلە يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ماتورغا نىسبەتەن مەلۇم پايدىلىق تەرىپى بار، ئوت ئالدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئېلىپ كېلىدىغان زەربىسى تېخىمۇ كىچىك، زاپچاسنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشى تېخىمۇ كىچىك. ئەسلى زاۋۇت 97-نومۇرلۇق بېنزىن ماتورغا 93-نومۇرلۇق بېنزىننى ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتمەڭ، چۈنكى ئەڭ دەسلەپ لاھىيەلىگەندە، 97-نومۇرلۇق بېنزىن بويىچە يۇقىرى بېسىملىق قىسىش نىسبىتىدە لاھىيەلەنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پورشىننىڭ ھىملىق دەرىجىسى تېخىمۇ زىچ، 93-نومۇرلۇق بېنزىننى ئىشلەتكەندە ئوت ئېلىش ۋاقتىدىن ئىلگىرى پورشېن ئەگرى ئوقى شۇ سەۋەبتىن تېخىمۇ چوڭ زەربىگە ئۇچىرايدۇ، ئەسلىدىن زىچ ھىم لاھىيەلەنگەن پورشىن نىسبەتەن چوڭ بولغان زەربىگە ئۇچرىغانلىقتىن بۇزۇلۇپ، مەڭگۈلۈك سۈركىلىش پەيدا بولىدۇ، ماتورنىڭ قۇۋىتىمۇ مەڭەۈلۈك تۆۋەنلەيدۇ، ماي ئىسراپ بولىدۇ. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号