باش بەت

del103

3764يوللانما
9مەستانە

iPhone 6s Plus نى ئىككى ئادەم بىرلەشسە ئاران ئىگەلەيدىكەن

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2015-09-25 23:56 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى:

بۇلتۇر iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus لار ئېلان قىلىنغاندا، ئاز بولمىغان ئىستېمالچىلار بۇ يانفوننىڭ ئاۋاز كۇنۇپكىسى ئورنىتىلغان جايدىن ئىگىلىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان. ئالما شىركىتى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفونىغا «7000» تىپلىق ئاليۇمىن قېتىشمىسىنى ماتىرىيال قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قاتتىق دەرىجىسى ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ئايفوندىن يۇقىرى ئىكەن، شۇڭا ئاسانلىقچە ئىگىلىپ كەتمەيدىكەن.

iPhone 6s Plus بۈگۈن رەسمىي بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن، چەتئەللىك بىر ئەر بۇ يانفوننىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسىنى سىناپ كۆرمەكچى بولغان، ئەمما ئۇ ئۆزى يالغۇز بۇ يانفوننى ئىگەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىرەيلەننى ياردەمگە چاقىرغان، ئاخىرىدا ئىككەيلەن تەڭ كۈچىگەندىن كىيىن، ئاندىن بۇ يانفون ئازراق ئىگىلگەن.

بۇندىن ئىلگىرى چەتئەللىك تورداشلار ئېلىپ بارغان سىناقلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، iPhone 6 نىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى شۇ مەزگىلدە بازارغا سېلىنغان باشقا رەقىبلىرىگە قارىغاندا تۆۋەنرەك بولۇپ، بىر ئادەم ئاسانلا ئىگىۋېتەلەيدىكەن. ئەمما بۇ قېتىم iPhone 6s Plus ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان سىناق يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئو:

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号