باش بەت

del103

3941يوللانما
21مەستانە

مارك زاكىربىرگ «ب د ت» دا تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ تورغا چىقىشىغا ياردەم بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2015-09-28 12:02 0 ئىنكاس چۈشتى

cnbeta تورى خەۋىرى:

Facebook نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك زاكىربىرگگ (Mark Elliot Zuckerberg) تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ بىر ئالاقىدار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېتنى ئىشلىتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان. 70-نۆۋەتلىك ب د ت سىجىل تەرەققىيات چوڭ يىغىنىدا، مارك زاكىربىرگگ سۆز قىلىپ، دۇنيانى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇشنىڭ بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زىممىسىدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، يەرشارىدا ھىلىھەم تۆت مىلياردقا يىقىن ئادەمنىڭ ئىنتېرنېتنى ئىشلىتىش شارائىتى يوقلۇقى، يەنى تورغا چىقالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مارك ئىلگىرى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناش بىر تەشۋىقات ئېلانىدا، تورغا چىقىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆز نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، مارك ۋە ئالاقىدار تەشكىلاتلارنىڭ 2020-يىلىغا بارغاندا يەرشارىدىكى ھەربىر ئادەمنىڭ ئىنتېرنېت ئىشلىتىش شارائىتىغا ئىگە بولۇشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش پىلانى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ پىلان ئىچىدە يەنە، 2030-يىلىغا بارغاندا يەرشارىدا ئېغىر قىيىنچىلىقتا قالغان ئادەم بولماسلىقنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مارك ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مۇراجىئەت Action/ 2015 تەشكىلاتى، بىل.مېلىندا فوندى جەمئىيىتى (Bill &Melinda Gates Foundation)، مۇ.ئىبراھىم فوندى جەمئىيىتى (Mo Ibrahim Foundation)، بالىلارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى، ، ب د ت فوندى قاتارلىقلار نۇرغۇنلىغان فوندى جەمئىيەت ۋە باشقا زاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

مارك يەنە Facebook ئارقىلىق سۆز قىلىپ، ئىنتېرنېت يوق جايدىكى ئادەملەرنىڭ تورغا چىقىشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارغا يەنە بىلىم ۋە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى بەرگىلى بولىدىغانلىقى، ئىنتېرنېتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە پۇرسەت يارىتىش جەھەتتىكى مۇھىم قورال ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئىشلىتەلەيدىغان ھەر ئون ئادەمنىڭ ئىچىدە، بىر ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان ئىكەن.

مارك زاكىربىرگگ يەنە Facebook نىڭ نۆۋەتتە ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سەرگەردان بولغان مۇساپىرلارنى تورغا چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号