باش بەت

نۇر فىلىم

1272يوللانما
417مەستانە

بەشتىن خالىي ئەلنۇرى قارا ئۇنلىرى مەركەزدە شەرەپ قۇچتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2015-10-23 10:16 0 ئىنكاس چۈشتى

بەشتىن خالىي ئەلنۇرى قارا ئۇنلىرى مەركەزدە شەرەپ قۇچتى


  2015-يىلى 16-ئۆكتەبر چۈشتىن بۇرۇن پايتەختىمىز بېيجىڭدا 6-نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسى داغدۇغىلىق باشلاندى. بۇ سودا يەرمەنكىسىگە شىركىتىمىز باش دېرىكتورى ۋە بازار بۆلۈم دېرىكتورى تولۇق قاتنىشىپ، ئۆزىگە ساپ تەبىئىلىكتىن ئىبارەت ئەڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى بۇرچ قىلغان ئەلنۇرى كوللىكتىپىنىڭ مېھنىتىدىن تەييارلانغان ئەلنۇرى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى پايتەخت خەلقىگە سۇندى. ساختىلاشتۇرۇشنىڭ بالايىئاپىتى قورقۇنچلۇق بولىۋاتقان، يەنى، غەيرىي، داۋاسىز كېسەللەر ئاۋۇپ كېتىۋاتقان، داۋراڭچىلىق، مۇبالىغىچىلىك ئەۋج ئېلىۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ماھىيەتنى چۇشەنگەن، ئويغانغان كىشىلىرىمىز تەشنا بولىۋاتقان ساپ تەبىئى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ خەلقىمىزگە سۇنغان مەردانە ئەلنۇرىلىقلار پايتەختىمىز بېيجىڭدا زور ئۇتۇقلارنى قازاندى. ئوزۇقلۇق قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى، دىئابىت، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي ئۆرلەپ كەتكەن ۋە قەۋزىيەت بىمارلىرىنىڭ ئىستېمالىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىلغان بەشتىن خالى ئەلنۇرى قارا ئۇنى بۇ قېتىملىق يەرمەنكىدە «مەھسۇلات ئالتۇن مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

      شىركىتىمىز خادىملىرى يول يىراق بولىشىغا قارىماي مەھسۇلاتلىرىمىزنى يېتەرلىك ئاپارغان بولسىمۇ، پايتەخت خەلقى ئۆزلىرى تەلپۈنگەن ساپ تەبىئى مەھسۇلاتلارنى تالىشىپ سېتىۋېلىشتى، بەزى ئىستېمالچىلار مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ تۈگەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، شىركىتىمىز خادىملىرى يەرمەنكە ئاخىرلاشمىغانلىقىنى، مەھسۇلات سېتىلىپ تۈگەپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ خېرىدارلار خادىملىرىمىز قوللىرىدىن مەھسۇلاتلارنى تالىشىپ تۇرىۋېلىشتى.

      يەرمەنكە جەريانىدا شىركىتىمىز مەسئۇللىرى مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر ۋە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بېيجىڭدا ساتقۇچى ئورۇنلار بىلەن مەھسۇلاتلىرىمىزنى بېيجىڭ بازىرىغا كىرگۈزۈش كېلىشىمنامىسى ئىمزالىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号