باش بەت

ئادىل

5039يوللانما
2مەستانە

ھىندىستان تەرەپ مەبلىغىنى قايتۇرۋالدى، چېڭ لۇڭنىڭ يېڭى فىلىمى كېچىكىپ قويۇلىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2015-10-26 12:01 0 ئىنكاس چۈشتى

شىياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېڭ لۇڭ باش رول ئالغان جۇڭگو-ھىندىستان يېڭى فىلىمى «گۇمپا يوگا» بولسا جۇڭگو ۋە ھىندىستان ھەمكارلاشقان ئۈچ فىلىمنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللىقاچان ئالدىنقى ئايدا دۈبەيدە رەسمىي سۈرەتكە تارتىشنى باشلىغان. بىراق، ئامېرىكا «ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدىكى مەبلەغ سالغان ھىندىستان فىلىم ئىشلەش شىركىتى «Viacom18 Media Pvt. Ltd» مەبلىغىنى قايتۇرۋېلىشنى ئېلان قىلغان، بۇ شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمى Gayatri Gulati :«بىز ھەمكارلىقنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، چۈنكى بىز قارشى تەرەپنىڭ شەرتىگە قوشۇلساق بولمايدۇ.» دېگەن. ئەمما تەپسىلاتىنى چۈشەندۈرمىگەن، بۇ قېتىملىق مەبلەغنى قايتۇرۋېلىشقا قارىتا، «گۇمپا يوگا» مەبلەغ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. خەۋەر قىلىنىشىچە ئۇچۇردىن خەۋەردار زاتنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئارتىس تاللىغاندا، ئارتىسنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى تەرەپتە ئىختىلاپ پەيدا بولغان، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ھىندىستان فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ جۇڭگو فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى  ئىگەللىۋېلىشىدىن نارازى بولغان، بۇ مەبلەغنىڭ قايتۇرۋېلىشنىڭ ئوت پىلتىسىگە ئايلانغان. 

گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، ئەمما چېڭ لۇڭنىڭ كۆپ يىللىق تەجىربىسى ۋە ئادەم ئېقىمى، «گۇمپا يوگا» نىڭ جۇڭگو-ھىندىستان توختاملاشقان تۈرنىڭ بىرى بولۇش قوشۇلۇپ، «گۇمپا يوگا» سۈرەتكە ئېلىشتىن توختاپ قالمايدۇ، بىراق ئەسلىدىكى كېلەر يىلى يازلىق مەزگىلدە قويۇلۇشقا بېكىتىلگەن فىلىم بەلكىم كېلەر يىلى يىل ئاخىرىدا قويۇلىشى مۇمكىن. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号