باش بەت

جاھانكەزدى

14374يوللانما
10مەستانە

ئاممىباب شىركىتىنىڭ «قالدۇق گاز سەتچىلىكى» بېنزىن ئاپتوموبىللىرىغا كېڭەيدى

مەنبە:خەلقئارا لىنىيە تورى يوللانغان ۋاقىت:2015-11-05 00:08 0 ئىنكاس چۈشتى

    ئاممىباب شىركىتىنىڭ ‹‹قالدۇق گاز سەتچىلىكى›› بېنزىن ئاپتوموبىللىرىغا كېڭىيىپ، 800 مىڭ مەسىلە بار ئاپتوموبىل بايقالدى.

    خەلقئارا لىنيىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا USA TODAY تور بېكىتىنىڭ 3-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى سەيشەنبە كۈنىدىكى ئىچكى قىسمىدا تەكشۈرۈشتە،  يەنە پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا 800 مىڭ دانە ‹‹مەسىلە ساقلانغان›› ئاپتوموبىلنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئاممىباب شىركىتىنىڭ يەنە 2 مىليارد 200 مىليون دوللار ئاجرىتىپ، ‹‹قالدۇق گاز سەتچىلىكى›› مەسلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

    باياناتتا، ئاممىباب شىركىتى « كۆپ قىسىم قالدۇق گاز مەسىلىسى دىزېل موتورىدا ساقلانغان» دەپ، بېنزىن موتورلىرىدىمۇ مەسىلە بولۇشى مۇمكىنلىقىدىن بىشارەت بەرگەن. بۇنىڭدىن سىرت،  ئاممىباب شىركىتى يەنە قىسمەن ئاپتوموبىللارنىڭ كۆرسىتىلگەن ماي سەرپىيات قىممىتىنىڭ زىيادە تۆۋەنلىكىنى، بۇنىڭ كەلگۈسىدە ئاۋارىچىلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈرگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فورد ۋە خيۇنداي قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ ماي سەرپىياتىنىڭ زىيادە تۆۋەنلىكىنى داۋراڭ قىلغانلىقتىن، ھەق تەلەپ دەۋاسىغا ئۇچىرىغان ھەمدە جەرىمانە تاپشۇرغان. 

    ئاممىباب شىركىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى قالدۇق گاز تەكشۈرۈشتىن قانۇنسىز ئۆتۈش ئۈچۈن، 11 مىليون دىزېل موتورلۇق ئاپتوموبىلغا قالدۇق گازنى ئۆلچەش سىستېمىسىنى ئالداش يۇمشاق دېتالى قاچىلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. شىركەت قارمىقىدىكى پورۇسچى ۋە ئاۋدى ماركىلىرىمۇ بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号