باش بەت

veros47

97يوللانما
0مەستانە

دۇنياغا داڭلىق 10 خاككېر بىلەن تونۇشۇڭ (1)

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2015-11-13 16:58 0 ئىنكاس چۈشتى

خاككېر تىلغا ئېلىنسا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كۆزئەينەك تاقىۋالغان ، يۈزى يېرىم توسۇلغان ھالەتتە كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاپ پەقەت يامان ئىشلارنىلا قىلىدىغان بىر توپ كىشىلەر كېلىشى مۇمكىن. لېكىن بىز بۇ كىشىلەرنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ چۈشىنىپ باققان ۋاقتىمىزدا بۇ كىشىلەرنىڭ تولىمۇ سۆيۈملۈك، ياخشى ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن بىز خاككېر ۋە كىراككېرنىڭ پەرقىنى ئايرىۋېلىشىمىز كېرەك. خاككېرلار ئاق قالپاقلىق خاككىر ۋە قارا قالپاقلىق خاككېر دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدىغان بولۇپ كىراككېرلار يەنە قارا قالپاقلىق خاككېر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاق قالپاقلىق خاككېرلار مەخسۇس تور بىخەتەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قارا قالپاقلىق خاككېرلار بولسا بۇزۇش ھۇجۇم قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئاق قالپاقلىق خاككېرلار ۋە قارا قالپاقلىق خاككېرلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بىر كۈنمۇ توختاپ باقمىغان. 

  ئۇنداقتا بىز مۇشۇ ماقالە ئارقىلىق دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 10 خاككېر ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

  •     كىۋىن مىتىنىك (Kevin David Mitinick)

    ئۇ بەلكىم خاككېرلىق تېخنىكىسى ئەڭ ئۈستۈن خاككېر بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن ئۇ ئەڭ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان خاككېر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 15 يېشىدا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە مۇداپىئە قوماندانلىق سىستېمىسىغا بۆسۈپ كىرىپ ئۆزى قىزىقىدىغان بارلىق ئاتوم بومبىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش سىخىمىلىرىنى شۇنداقلا بارلىق ماتېرىياللىرىنى كۆرگەن. بۇ ئىشتىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ھەربىي ئىشلار مەلۇماتچىسى كىلىنتون «ئەگەر مىتىنىك بۇ ئاخباراتلارنى باشقا دۆلەت ئىشپىيونلىرىغا ساتقان بولسا ئاز دېگەندىمۇ 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ساتالايتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ ماتېرىياللارنى قايتىدىن رەتلىتىشىگە توغرا كېلەتتى» دېگەن. ئەلۋەتتە بۇ پەقەت رىۋايەتنىڭ باشلىنىشى ئىدى خالاس. 

    مىتىنىك كېيىن يەنە تىنچ ئوكيان شىركىتى، FBI قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئورگان تورىغا ھۇجۇم قىلىپ كېرىپ ئۇلارنىڭ مەخپىي خادىملىرىنىڭ ئارخىۋىنى شۇنداقلا جىنايەت خاتىرىلىرىنى تەكشۈرگەن. ئىلغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ياردىمىدە FBI ئاخىرى تېخى 16 ياشقا توشمىغان مىتىنىك نى قولغا ئالغان. بىراق ئەينى ۋاقىتتا تور بىخەتەرلىك قانۇنى تېخى مۇكەممەل بولمىغاچقا مىتىنىك ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىگە قامالغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئۆسمۈر خاككېرغا ئايلانغان.

    ئۇزۇن ئۆتمەي قويۇپ بېرىلىپ تۈرمىدىن چىققان مىتىنىك يەنە بىر قېتىم DEC قاتارلىق كارخانا تور بېكەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كارخانا ھېساباتلىرىنى ئۆزگەرتېۋەتكەن. FBI ئۇنى يەنە بىر قېتىم قولغا ئالغاندىن كېيىن  بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان .

    1993- يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مىتىنىك ئەسلى بۇ ساھەدىن قول ئۈزۈشنى پىلانلىغان ، لېكىن FBI ئۇنى كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئالدىغا كەلسىلا جەمئىيەتكە خەۋپ پەيدا قىلىدۇ دەپ قاراپ ئۇنىڭ كومپيۇتېر ساھەسى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلىگەن، ھەمدە ئۇنىڭ بىر دوستىنى سېتىۋېلىپ مىتىنىكنى ئازدۇرۇپ يەنە بىر قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاپ ئۇنى تۈرمىگە قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولغان بولسىمۇ FBI نىڭ ئىچكى تورلىرىدا ئەركىن ساياھەت قىلىپ يۈرگەن مىتىنىك بۇ قىلتاقنى بايقاپ قالغان . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ قاچقۇنلۇق ھاياتىنى باشلىغان. 

    يۇقىرى بولغان خاككىرلىق تېخنىكىسىغا تايىنىپ مىتىنىك ساقچى تەرەپنىڭ تېلېفون سىستېمىسىنى ئاسانلا كونترول قىلىۋالغان، ھەمدە ساقچىلارنىڭ مىتىنىكنى قوغلاپ تۇتۇش جەريانىدىكى ھەرىكەتلىرىنى ئالدىن بىلىۋالغان. شۇڭا ھەر قېتىم ساقچىلاردىن بىرقەدەم بۇرۇن ھەرىكەت قىلىپ ھەر قېتىملىق قوغلاپ تۇتۇشتىن قېچىپ قۇتۇلغان. 

    ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە قاچقۇنلۇق سەپىرىدە MOTOROLLA، NOKIA، SUN MicroSystem قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ مۇلازىمىتىرلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ 4 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى پىروگرامما ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئوغرىلاپ كەتكەن. ھەمدە ئامېرىكا بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدىغان تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى Tsutomu Shimomura نىڭ شەخسىي كومپيۇتېرىغا بۆسۈپ كېرىپ ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلغان . ئاخىرى ساقچى تەرەپ  Tsutomu نىڭ ياردىمىدە 3 يىل ئىز قوغلاش ئارقىلىق ئۇنى قولغا ئالغان. 

     2002- يىلى مىتىنىك تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن شۇ جايدا تور بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلىك ئورنىدىن بىرنى قۇرغان ، شۇنداقلا ھەر قايسى جايلاردا تور بىخەتەرلىك توغرىلىق لېكسىيەلەرنى سۆزلىگەن. ئۇنىڭ نام شۆھرىتى شۇنداقلا قويۇق رىۋايەت تۈسىگە ئىگە كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭ لېكسىيەلىرىنى تېخىمۇ بېيتقان. 

  •     لىنۇس توۋاردىس (Linus Torvarlds)

    AT&T مائارىپ ئورگانلىرىغا UNIX مەشغۇلات سىستىمىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاخىرى غايەت زور سودا پۇرسىتىنىڭ قىززىقتۇرۇشى بىلەن بۇ مەشغۇلات سىستىمىسىنى ئىشلىتىشنى توختىتىپلا قالماستىن بەلكى UNIX سىستىمىسىنىڭ ئەسلى كودى بىلەن تەمىنلەشنىمۇ توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن مائارىپ ئورگانلىرى يەنە بىر UNIX قا ئوخشاش مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ مەيدانغا چىقىپ ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىشىگە موھتاج بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا  Finland ئۇنۋىرىستىتىدا ئوقۇۋاتقان لىنۇس ئىقتىدارى تولىمۇ ئاددىي بولغان Minx سىستىمىسىدىن قىلچىمۇ رازى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇ قەتئىي نىيەتكە كىلىپ ئۆزى ئىقتىدار جەھەتتىن UNIX مەشغۇلات سىستىمىسىغا ئوخشاپ كىتىدىغان شۇنداقلا پۈتۈنلەي ھەقسىز ھالدا بارلىق كىشلەر ئىشلىتەلەيدىغان مەشغۇلات سىستىمىسىدىن بىرنى يىزىپ چىقىشنى ئويلايدۇ. 

     1991- يىلى ئۇ ئۆزى يېزىپ چىققان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى توردا ئېلان قىلىپ تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نەچچە ئونمىڭلىغان پروگراممېرلارنىڭ ئىزدىنىپ ئۈزلۈكسىز تولۇقلىشى، ئۆزگەرتىشى ئاستىدا بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى بارا- بارا مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. مانا بۇ دەل دۇنياغا داڭلىق بولغان Linux مەشغۇلات سىستېمىسى ئىدى. 

      قىسقىغىنا نەچچە يىل ئىچىدە پۈتۈن دۇنيادىكى Linux ئابونتلىرى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، ھەمدە بۇ سىستېما IT ساھەسىدىكى داڭلىق مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئايلانغان بولۇپ ھازىرغا قەدەر بانكا قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. 

  • سىتىۋىن ۋوزنىياك (steven wozniak)

    سىتىۋىن ئۇ بىر كومپيۇتېر خاككېرى بولماستىن بەلكى تېلېفون خاككېرى ئىدى. ئۇ 1971- يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مەلۇم بىر ژۇرنالدىن بىر قاچقۇننىڭ ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئۇرغانلىق توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى ئوقۇپ تېلېفونغا بولغان قىزىقىشى ھەسسىلەپ ئاشقان. ھەمدە مۇشۇ جەھەتتىكى ماقالىلەرنى ، ماتېرىياللارنى كۆپلەپ توپلاپ ئىزدىنىشكە باشلىغان . بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئۇ ياتاق بىناسى ئالدىدا ئەينى چاغدا ئۆزى ئوقۇغان ھېكايىدىكى باش پېرسوناژ يوھان بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلا ئىككىسى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. ھەمدە بىر خىل تېلېفونغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان قۇرۇلمىنى ياساپ چىقىپ ئۇنى يېقىن دوستى سىتىفىن جوبىسقا كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ نەرسىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ زورلېقىنى بايقاپ بىرلىكتە بۇ خىل قۇرۇلمىنى كۆپلەپ ياساپ چىقىپ مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارغا ساتقان. ھەمدە دۆلەت ئەربابلىرىغا قالايمىقان تېلېفون قىلىپ دۆلەت ئەربابلىرىنى پاراكەندە قىلغان.

    ئەلۋەتتە، بۇلار ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ دۇنياغا داڭلىق خاككېر بولالىشىدىكى سەۋەب ئەمەس، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى ئالما 1-ئەۋلاد ۋە 2-ئەۋلاد يانفونىنىڭ توك يول تاختىسىنى لايىھەلەپ ياساپ چىققان. ھەمدە كېيىن جوبىس بىلەن ھەمكارلىشىپ ئالما شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان. ئالما 1-ئەۋلاد ۋە 2-ئەۋلاد يانفۇنلىرى شەخىسلەرگە يۈزلەنگەن كومپيۇتېر ئىقتىدارىغا تەقلىد قىلىنغان ئۈسكۈنە بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئەقلىي ئىقتىدارلار ئالىقان ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سودا ساھەسىدىكى تېخىمۇ زور ئىلگىرىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا سىتىۋىن بىر قاتتىق دېتال خاككېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ تەرىپلىشېگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.

  • 4. رىچارد سىتىلمەن (R.Stallman)

    ئۇ بىر خاككېرلىق مەدەنىيىتى، خاككېرلىق روھىنىڭ ئاساسچىسى، ئۇ 1983-يىلى GNU تەرەققىيات پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بۇ پىلانىدىكى ئەڭ دەسلەپكى نىشانى بولسا پۈتۈنلەي ئەركىن ئىشلىتىشكە بولىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى ياساپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىدى. پىلان ئىجرا بولۇش مەزگىلىدە رىچارد نۇرغۇنلىغان ھەقسىز يۇمشاق دېتاللارنى مەشغۇلات سىستېمىسىغا قوشقان، شۇنداقلا ئابونتلارنىڭ بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىدا پۈتۈنلەي ئەركىن ھالدا ئۆچۈرۈش، يۆتكەش، كۆچۈرۈش ،ئۆزگەرتىش، ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق GNU پىلانىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ GNU ئىجازەتنامىسى بويىچە ئىشلىتىش ھوقۇق چەكلىمىسى تۇرغۇزغان. شۇنداقلار ھەرقانداق بىرىنىڭ مەزكۇر سىستېمىغا ھەرقانداق بىر چەكلىمە قويۇشىغا قەتئىي بولمايدۇ دەپ ئېنىق ئەسكەرتكەن. بۇ ئارقىلىق خاككېرلارنىڭ مەنبەلەردىن پۈتۈنلەي ھەقسىز ھالدا باشقىلار بىلەن بەھرىلىنىش، شەخسىيەتسىزلىكتەك ئېسىل روھىنى كىشىلەرگە تونۇتقان. 

    5. ئىرىك رايموند (Eric raymond)

    ئۇمۇ بىر خاككېرلىق مەدەنىيىتى نەزىرىيەسىچىسى، ئۇ يازغان «خاككېرلىق تارىخى»، «چېركاۋ ۋە بازار»، «قانداق قىلىپ بىر خاككېر بولۇپ يېتىشىپ چىققىلى بولىدۇ؟»، «ئەقىل پاراسەت قېزىش»، «سېھىرلىك ئوچاق» قاتارلىق خاككېرلىق مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ خاككېرلىق ساھەسىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇندىن باشقا ئېرىك يەنە دېتاللارنىڭ ئەسلى كودىنى ئاشكارىلاشنى تەۋسىيە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن 1990- يىللاردا بىر مەزگىل ئامېرىكىدا خاككېرلىق قىزغىنلىقىنى قوزغىغان. 

    (داۋامى يوللىنىدۇ)

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号