باش بەت

veros47

97يوللانما
0مەستانە

دۇنياغا داڭلىق 10 خاككېر بىلەن تونۇشۇڭ (2)

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2015-11-14 00:04 0 ئىنكاس چۈشتى

6.    روبىرت موررىس (robert morris)

ئۇنىڭ دادىسى بىل تەجرىبىخانىسىنىڭ كومپيۇتېر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇتەخەسسىسى بولۇپ، روبىرت ناھايىتى كىچىك چىغىدىلا دادىسىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا كومپيۇتېر ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا بىل تەجرىبىخانىسى دۇنيا بويىچە ئۈسكۈنىلىرى ئەڭ ئىلغار تور تەجرىبىخانىسى ئىدى. روبىرت دەل مانا مۇشۇنداق دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار كومپيۇتېر ۋە بىل تەجرىبىخانىسىنىڭ ھېسابات نومۇرلىرى بىلەن تورغا چىقىشنى باشلىغان. ھەمدە 2000 بەتتىن ئارتۇق بولغان UNIX قوللانمىسىنى تولۇق كۆرۈپ بولغان. 12 يېشىدىلا ئۆزىدە يۇقىرى بولغان پىروگرامما ئاساسىنى تىكلىگەن، 18 يېشىدا بىل تەجرىبىخانىسىنىڭ پروگراممېرى بولغان. 1988- يىلى بىل تەجرىبىخانىسىدا ئارانلا 99 قۇر كېلىدىغان بىرخىل قۇرۇت ۋىرۇسىنى سىناق قىلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇ ۋىرۇس تورغا تارقىلىپ كەتكەن. بۇ ۋىرۇس كومپيۇتېرغا يۇققاندا ئېكراندا قۇرۇتقا ئوخشاش بىر نەرسە ئېكراننىڭ ھەممە يېرىدە مېڭىپ يۈرۈپ ئېكراندىكى نەرسىلەرنى يەيدىكەن، ھەمدە شەكلىنى ئۆزگەرتېۋىتىدىكەن. ئاندىن ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆز ئۆزىنى نۇسقىلاش، باشقا ھۆججەتلەرگە يۇقۇش، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئاپتوماتىك ھالدا توردا ئەركىن تارقىلالايدىكەن. بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كومپيۇتېر ئاخىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدىكەن. 

بۇ ۋىرۇس بىل تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغاندىن كېيىن كونتروللۇقىنى يوقىتىپ تورغا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ كەتكەن، ھەمدە 6000 دىن ئارتۇق مۇلازىمىتېر، 150 دىن كۆپ شەخسىي كومپيۇتېرنىڭ ۋىرۇسلىنىپ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىقتىسادىي زىيان 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. يەرلىك ھۆكۈمەت 1986- يىلى «تور بىخەتەرلىك قانۇنى» غا ئاساسەن ئۇنى 3 يىللىق قاماق جازاسى ۋە 400 سائەت ئىجتىمائىي مۇلازىمەت خىزمىتى قىلىش، شۇنداقلا 10500 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەشكە بۇيرۇغان. 

 ئۇ بىر تالانت ئىگىسى، ئۇ ۋىرۇسنىڭ تور ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىنىڭ پەردىسىنى ئاچتى، ۋىرۇس ئۈچۈن ھەممىلا يەردە كەڭ كۆلەمدە تارقىلالايدىغان قانات ياساپ بەردى. شۇڭا روبىرت كىشىلەر تەرىپىدىن «ۋىرۇس ئاتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. 

ھازىر ئۇ ئامېرىكا ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ پىروفېسسورى شۇنداقلا تور بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى.

7. مىچىر كاپور (mitch kapor)

مىچىر كاپور بىر تېخنىكا خاككىرى بولماستىن بەلكى خاككىرلىق روھىي ئاساسچىسى، ئەڭ ئۇتۇق قازانغان كومپيۇتېر ئىسلاھاتچىلىرىدىن بىرى.

1987- يىلى ئالما2 ئاخىرى 1500 دوللارغا چۈشۈرۈلدى، كاپور ئاخىرى ئۇيان بۇيان قاتراپ يۈرۈپ ئۆزىنىڭ تۇنجى كومپيۇتېرىنى سىتىۋالدى ۋە قېتىرقىنىپ كومپيۇتېر ئۆگىنىشكە باشلىدى. بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئۇ ئېلېكتىرونلۇق جەدۋەل تۈزۈش سىستېمىسى VisiCalc نى ياسىغان كىشىنى ئۇچرىتىپ قالدى، شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ كاللىسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئېلېكتىرونلۇق جەدۋەل تۈزەش سىستېمىسى ياساپ چىقىشنى، ھەمدە بۇ دېتالغا كىرگۈزۈلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن گىرافىك سىزىپ چىقىرىپ بېرىش ئىقتىدارى قوشۇشنى ئويلاپ قالدى، ۋە يەنە بىر ھەمكارلاشقۇچىسى بىلەن بىرلىشىپ ئېلېكتىرونلۇق جەدۋەل تۈزۈش يۇمشاق دېتالى VisiPlot نى ياساپ چىقتى. بۇ يۇمشاق دېتال بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ناھايىتى تىز بازار تاپتى، ھەر ئايلىق كىرىمى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ كاپور ۋە شېرىكى جەمئىي 12 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جۇغلىدى ۋە 1981- يىلى شېرىكى بىلەن ھەمكارلىشىپ Lotus شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى. شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز ھالدا Lotus بىرىنچى ئەۋلاد، ئىككىنچى ئەۋلاد ۋە ئۈچىنچى ئەۋلاد يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى. بۇ يۇمشاق دېتال بازارغا سېلىنغاندا ئەسلى بىر يىلدا 2مىليوندىن 3مىليونغىچە پايدا ئىلىش كۆزلەنگەنىدى، بىراق يىل ئاخىرىغا كەلگەندە بۇ يۇمشاق دېتال 53 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق پايدا ياراتتى. 1995- يىلىغا كەلگەندە بۇ يۇمشاق دېتال 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن IBM شىركىتىگە سېتىپ بېرىلدى. 

ئەلۋەتتە بۇلار ئۇنىڭ دۇنياغا داڭلىق خاككىر بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئەمەس، ئۇ يەنە دوستلىرى بىلەن بىرلىشىپ EFF (Electronic Frontier Foundation) تىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ تەشكىلات ئاساسلىقى توردىكى ھەرقايسى دېتاللارنىڭ باشقا ۋىرۇس خاراكتىرىدىكى دېتاللار بىلەن باغلىنىپ تارقىتىلىشىنى شۇنداقلا دېتاللارغا ئارقا ئىشىك قوشۇپ تارقىتىشنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلدى. ھەمدە شەخسلەرنىڭ مەخپىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، بىخەتەر تورغا چىقىشنى تەشەببۇس قىلدى. 

EFF ئامېرىكا تور - ئالاقە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى تور ئابونتلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شۇنداقلا تور - ئالاقە ئىشلىرىدا چوڭ رول ئوينىدى.

8.  كەيۋىن پوۋىلسىن (Kevin Poulsen)

كەيۋىننىڭ توردىكى ئىسمى قارا ئەرۋاھ بولۇپ ئۇ 1965- يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان. ئاساسلىقى تېلېفونغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان. 

1989- يىلى ئۇ باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىغا ھۇجۇم قىلىپ قولغا ئىلىنغاندا ئاللىبۇرۇن FBI نىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى. كېيىن 1990- يىلى لوس- ئانژېلىستا بىر قېتىملىق تېلېفون پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن، يەنى 102- قېتىم تېلېفون ئۇرغان ئابونتقا بىر دانە پورسچى ماركىلىق ئاپتوموبىل سوۋغا قىلماقچى بولغان. كەيۋىن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لوس - ئانژېلېسنىڭ بارلىق تېلېفون لىنىيەلىرىنى كونترول قىلىۋالغان ھەمدە ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇكاپاتلىق ئابونت بولۇپ باھالىنىپ پورسچى ماركىلىق ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ قالغان. بۇ ئىش FBI نىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى دىققىتىنى تارتقان، چۈنكى FBI يەنە ئۇنىڭ FBI نىڭ تېلېفون تورىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ FBI نىڭ تېلېفونىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلىقىدىن گۇمانلانغان. 

يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق FBI كەيۋىننىڭ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارا جەمئىيەت كاتتىباشلىرى بىلەن قىلغان تېلېفون سۆھبەتلىرىنى شۇنداقلا زۇڭتۇڭنىڭ شەخسىي تېلېفونىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلىقىنى بايقىغان. ھەمدە ئۇنى قولغا ئىلىش بۇيرۇقىنى چىقارغان. لېكىن كەيۋىن ئۈچۈن FBI نىڭ تېلېفونىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش كىچىكلا بىر ئىشقا ئايلانغانىدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىگە چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقىدىن ئاللىبۇرۇن خەۋەردار بولۇپ قاچقۇنلۇق ھاياتىنى باشلىدى، قاچقۇنلۇق ھاياتىدا ئۇ يەنە توختىماي FBI نىڭ تېلېفونىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىدى، شۇڭا ناھايىتى ئاسانلا ساقچىلارنىڭ ھەرىكىتىدىن خەۋەر تېپىپ ئورنىنى توختىماي ئۆزگەرتىپ ساقچىلارنىڭ قوغلاپ تۇتىشىدىن قۇتۇلۇلدى. 

ساقچىلارنىڭ كۆپ قېتىملىق قوغلاپ تۇتۇشى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ساقچىلار ئامالسىز ھالدا كەيۋىن دائىم بارىدىغان بىر تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا بۆكتۈرمە قۇرۇپ 2 يىل ساقلاش ئارقىلىق ئاخىرى كەيۋىننى قولغا چۈشۈردى. شۇ ئىشتىن كېيىن كەيۋىن ئامرىكىدىكى تۇنجى تېلېفوننى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ۋە جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن جازالانغان تۇنجى جىنايەتچىگە ئايلاندى. ۋە 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن 3 يىلغىچە كومپيۇتېر ئالدىغا كېلىشىنى چەكلىگەن. 

تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ يۇقىرى تېخنىكىلىق پىروگراممېر بولغان، ۋە ئۆزىنىڭ خاككىرلىق ھاياتى بىلەن خوشلاشقان.

9.  ئادىريان لامور (Adrian Lamo)

 

، Excite@Home ، WorldCom MCI ، Microsoft ، SBC Ameritech ، 

خۇاچى بانكىسى، Cingular قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ئىسمىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادىريان ھۇجۇم قىلغان بىر قىسىم چوڭ شىركەتلەر.

باشقا خاككېرلارغا ئوخشاش ئادىريانمۇ 6-7 ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا كومپيۇتېرغا قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ كومپيۇتېر ئۆگىنىشنى باشلىغان،  قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئۇ مۇستەقىل تور كارتىسى سەپلەنگەن كونا خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئىلىپ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلاردا ھەريان سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. بەزى ۋاقىتلاردا دوستلىرىنىڭ ئۆيىدە يەنە بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا تاشلىۋېتىلگەن ئەسكى قۇرۇلۇشلاردا ، كوچىلاردا، كۆۋرۈك ئاستىلىرىدا قونۇپ سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بۇ غەلىتە مىجەزلىك كىشىنىڭ  دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى خاككىر ئىكەنلىكى ھېچقانداق كىشىنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن «ئۆيگە قايتمايدىغان خاككېر» دەپ ئاتالغان.

ئادىريان لامور ھەمىشە چوڭ كارخانىلارنىڭ مېھمان كۈتۈش زالى، قەھۋەخانا، كۈتۈپخانا قاتارلىق ھەقسىز تورغا ھىققىلى بولىدىغان سورۇنلاردا تورغا چىقىپ ئەتراپتىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ مۇلازىمىتىرلىرى ۋە توربېتىگە قارىتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئىلىپ باراتتى، بىرەر يوچۇقنى بايقىغاندىن كېيىن دائىم قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قوياتتى، چوڭ شىركەتلەر بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئاكتىپلىق بىلەن ئادىريان بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭدىن يۇقىرى باھادا بىخەتەرلىك يامىقىنى سىتىۋالاتتى. ئەلۋەتتە ئادىريان بەزىدە ئۇلاردىن ھېچقانداق ھەق ئالماي شىركەتلەرگە ياردەم قىلىپ يوچۇقنى ئېتىشىگە ياردەم قىلاتتى.

گەرچە ئادىريان شىركەت كارخانىلار توربۇت ۋە مۇلازىمىتېرىدىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرىدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ شىركەتلەر تەكلىپ قىلغان تور بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ قىلمىشى يەنىلا قانۇنسىز ھېسابلىناتتى. 

ئۇ نىيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ تور سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندىن كېيىن قارشى تەرەپ ئۇنىڭ بىلەن سودا قىلىشنى رەت قىلىدۇ ۋە ئادىرياننى سوتقا ئەرز قىلىدۇ. سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 65مىڭ ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنى 6 ئاي ئۆيىدە نەزەربەند قىلىش جازاسىنى بىرىدۇ. 

شۇندىن كېيىن بۇ «ئۆيگە قايتمايدىغان خاككېر» سەرگەردانلىقىنى تاشلاپ كەسىپ ئۆزگەرتىپ مۇخبىرلىق ۋە باياناتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ خاككىر ئاخىرى ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ.

گىئورگى ۋوز (george hotz)

Apple شىركىتى بولسا IT ساھەسىدىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان داڭلىق شىركەت، بۇ شىركەت ياساپ چىققان Iphone ، Ipod Touches ، Ipad قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشىشتىن سىرت كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى. بىراق ھەممىمىز بىلىمىز، ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ھوقۇق چەكلىمىسى ناھايىتى قاتتىق، شۇڭا ئالما مەھسۇلاتلىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى كەشىپ قىلىنىشتىن بۇرۇن كىشىلەر پەقەتلا ئالما شىركىتى ئىشلىتىشنى تەستىقلىغان ئاز بىر قىسىم ئەپلەرنىلا ئىشلىتەلەيتى، ھوقۇق بېرىلمىگەن نۇرغۇنلىغان ئەپلەرنى ئىشلىتىشكە يەنىلا ئامالسىز ئىدى. دېتاللارنى ئەركىن ئىشلىتىشنى ياقتۇرىدىغان خاككىرلارغا ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇ تەرىپى قىلچىمۇ ياقمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ساھە ئۈستىدە ئىزدىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشىش نەتىجىسىدە ئاخىرى بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان تۈرمىدىن قاچۇرۇش پىروگراممىسى تۈزۈپ چېقىلدى، تېخى ئەمدىلا 17 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان گىئورگى دەل مۇشۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش پىروگراممىسىنىڭ تۈزگۈچىسى ئىدى. 

2007- يىلى 17 ياشلىق گىئورگى مۇستەقىل ھالدا ئايفونىنىڭ ئەپ ئىشلىتىشتىكى چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى دەسلەپكى تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بۇ يانفوننىڭ باھاسى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا قىممەت ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا گىئورگى بۇ چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلانغان يانفوننى 550 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى بىردانە 350z تىپلىق مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ۋە 3 دانە تېخى تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغان ئايفونى بىلەن تېگىشتى.

2008-يىلى ئۇ 2- ئايدا ئۇ ئالدى بىلەن ئالما 2 يانفونىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۈرمىدىن قاچۇرۇش سىستېمىسىنى ياساپ چىقتى، 2009-يىلى 7- ئايدا ئۇ Iphone3Gs يانفونىنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش سىستېمىسىنى ياساپ چىقىپ تارقاتتى، 2009-يىلى 10- ئايدا ئۇ يەنە كەڭ ئالما ئابونتلىرىنى Iphone ۋە Ipod قا ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدىغان تۈرمىدىن قاچۇرۇش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلىگەن. 2010- يىلى 4- ئايدا ئۇ بىر تور بەتتە گىئورگى نامى بىلەن limeraln نى ئېلان قىلىپ Iphone بىلەن Ipod ئابونتلىرىنى Iphone4.0 نىڭ چەكلەش ھوقۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئەپلەرنى خالىغانچە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلدى.

بىر قاتار تۈرمىدىن قاچۇرۇش پىروگراممىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ گىئورگىنىڭ نامى ناھايىتى تىزلا پۈتكۈل دۇنياغا تارقالغان، google ، baidu قاتارلىق توربەتلەردىكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش پىروگراممىسىنى ئېلان قىلغان تور بەتلەرنىڭ سانى 250 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. يېقىندا گىئورگى ئۆزىنىڭ شەخسىي بىلوگىدا ماقالە ئېلان قىلىپ SONY شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقارغان sp3 گە بولغان كۆزقارىشىنى ئىزاھلىغان. چۈنكى sp3 دە install other OS تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ بۇ ئىش گىئورگىنى sp3 نى ئەركىن ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن دېگەن كۆز قاراشنى شەكىللەندۈرگەن، شۇڭا ئۇ ۋەدە بېرىپ ئابونتلىرىنى چوقۇم sp3 نىمۇ ئابونتلارنىڭ ئۆزى خالىغىنىچە ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号