باش بەت

iskandar

344يوللانما
55مەستانە

ئەلنۇرى شاڭخەي يەرمەنكىسىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2015-11-20 12:35 0 ئىنكاس چۈشتى

ئەلنۇرى شاڭخەي يەرمەنكىسىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

2015-يىللىق شىىنجاڭنىڭ داڭلىق ئالاھىدە ۋە ئىنچىكىلەپ ئىشلەنگەن يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شاڭخەي كۆرگەزمە يىغىنى 11-ئاينىڭ  6-كۈنى باشلىنىپ 9-كۈنىسى ئاياغلاشتى. «يېشىل شىنجاڭ ئالاھىدە يېزا-ئىگىلىك»تېمىسىدىكى بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە شاڭخەي غەربىي بازىرىدىكى خەلقارالىق يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى بىۋاستە سېتىش مەركىزى بىلەن شىنجاڭ ئالاھىدە يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە زالىدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ  مۇئاۋىن رەئىسى دوڭ شىن گۇاڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. شاڭخەي شەھەرلىك دېھقانچىلىق كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى فېڭ جىييوڭ ئەپەندىمۇ تەبرىك سۆزى قىلدى.

    شاڭخەي مەملىكىتىمىزنىڭ يۇقىرى ئىستىمال رايۇنى شۇنداقلا ئىقتىساسلىقلار مەركەزلەشكەن سانائەت رايۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلنۇرى مەھسۇلاتلىرىدەك ساپ تەبىئىي يېشىل يىمەكلىكلەرگە بولغان مايىللىقى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن، يەرمەنكە تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا شىركىتىمىز نۇرغۇن شاڭخەي ئىستىمالچىلىرىنىڭ توردىن سېتىۋېلىش تەكلىپىنى تاپشۇرىۋالدى،ئۇلار يەرمەنكىدە سېتىۋالالمىغانلىقىنى، توردىن بولسىمۇ بالدۇرراق سېتىۋېلىپ ئىستىمال قىلىپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتىشتى. جەمئىيىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ جىددىي تەلىپى بولغان ئىستىمالچىلارنىڭ توردىن سېتىۋېلىش ئارزۇسى شىركىتىمىزدە يېڭىلا يولغا قويۇلغان ئىدى،بىز ئەلنۇرىلىقلارنىڭ ۋەدىسى شۇكى،ساغلاملىقنى قانداقلا يول بىلەن بولمىسۇن ھەر بىر ساغلاملىققا ئىنتىلگۈچىگە قەدەر يەتكۈزۈش!


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号