باش بەت

ئادىل

5060يوللانما
1مەستانە

«سابىق 007» بروسنان چېڭ لۇڭنىڭ يېڭى فىلىمىغا قوشۇلىدۇ

مەنبە:ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2015-11-23 16:03 0 ئىنكاس چۈشتى

mtime تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«سابىق 007» پرىس بروسنان چېڭ لۇڭنىڭ ئىسمى بېكىتىلمىگەن يېڭى فىلىمىگە قوشۇلىدۇ. فىلىم ستېفىن لىزېرنىڭ «The Chinaman» «جۇڭگولۇق» ھېكايىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، ئەسلى بېكىتىلگەن ئىسىم «چەتئەللىك» «The Foreigner» كېيىن ئىشلىتىلمىگەن. 

بروسنان جەمئىي تۆت بۆلۈم 007 فىلىمىگە قاتناشقان، «ئالتۇن كۆز»، «باشقا كۈندە ئۆلۈش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ قوشۇلىشى فىلىمنىڭ ئىككى نەپەر ھەرىكەتلىك فىلىم ئارتىسىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

چېڭ لۇڭ فىلىمدا بىر نەپەر لوندون جۇڭگولۇقلار كوچىسىدىكى تاماقخانا خوجايىنى رولىنى ئالىدۇ، تاماقخانا بىر قېتىم ئېرلاندىيە تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ۋەيران بولىدۇ، زىيان ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئەدىلىيە سېستىمىسى ئۇنىڭغا رازى بولغىدەك تۆلەم بەرمىگەندە، چېڭ لۇڭ ئۆزى مۇنەسىۋەتلىك مەسئۇل ئادەمنى ئىزدەشنى قارار قىلىدۇ. بروسنان فىلىمدا بىر نەپەر ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيەت ئارمىيەسى سابىق ئەزاسى، ھەم ھازىرقى ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. 

بۇندىن سىرت، دەيۋىد ماركونى ۋە پېتېر بۇچمان سىنارىستلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ قايتا-قايتا سۈرۈشتۈرىشى ئاستىدا فىلىم پات ئارىدا سۈرەتكە ئېلىشنى باشلايدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号