باش بەت

ئوغلان0996

3097يوللانما
32مەستانە

ئېشىپ قالغان قورۇمىنى قايتا ئىسسىتسا يېمەكلىكتىن زەھەرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى يوللانغان ۋاقىت:2015-12-23 09:56 0 ئىنكاس چۈشتى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

تۇرمۇشتا كىشىلەر ئادەتتە يەپ ئېشىپ قالغان قورۇمىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ غىزالانغان ۋاقىتتا ئىسسىتىپ يەيدۇ. لېكىن تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى قايتا ئىسسىتىپ يېسە، كۆكتاتنىڭ زەھىرىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۇرمۇشتا كىشىلەر ئادەتتە يېمەكلىكنى دۈملەپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ يېسىلا دېزىنفېكسىيەلىنىپ زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خاتىرجەم غىزالانغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمىليەتتە بۇ خىل كۆزقاراشنىڭ يېرىمى توغرا. چۈنكى بەزى يىمەكلىكلەرنىڭ زەھەر پىگمېنتىنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ يوقاتقىلى بولمايدۇ، بەزىدە ئەكسىچە زەھەرنىڭ قويۇقلۇق مىقدارنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مەسىلەن: كەرەپشىنىڭ(چىڭسەي) سۈپىتى ئۆزگەرگەندىن كېيىن قايناتسا، چىرىتىش مىكروبىنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ، لېكىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئەكسىچە نۇرغۇن سېلىتىرا پارچىلىنىپ، نىترىتوئىدقا ئايلىنىپ، زەھەرلىك دەرىجىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号