باش بەت

رۈيا

853يوللانما
1مەستانە

ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتقا 13 ئادەم چىقىپ «يولۇچىلار ئاپتوموبىلى»غا ئايلاندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-01-08 00:37 0 ئىنكاس چۈشتى

  سوخۇ تورى خەۋىرى: 

  يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت يولۇچىلار ئاپتوموبىلىغا ئايلىنىپ يولغا چىققان، بۇنى ئازا دەپ نورمىدىن ئارتۇق ئادەم ئالغان، يەنى كوزۇپىغا 13 ئادەمنى چىقارغان. يۈننەن خۇڭتادىكى قاتناش ساقچىسى يېقىندا چارلاۋاتقاندا، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتقا قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئادەم ئالغان ئەھۋالنى بايقاپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئالغان.  

  1-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 14 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، خەلق ساقچىسى چارلاپ شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ليەن چى يولىغا كەلگەندە، شەھەرنىڭ شىمالىدىن ليەن چىغا قاراپ ماڭغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنىڭ يۈك باسىدىغان كوزۇپىدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قىستىلىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن. 

  ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى سەزگەن خەلق ساقچىسى دەرھال توكسىكلىتنى توسۇپ، يول بويىدا توختىتىپ تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق شوپۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتقا جەمئىي 13 ئادەمنىڭ چىققانلىقى ئېنىقلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە نەچچە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق بالىمۇ بار ئىكەن. شوپۇردىن سوراش ئارقىلىق ئايان بولۇشىچە، ئۇلار ئېتىزلىقتا بىللە ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەر بولۇپ، ۋاقىتلىق قولايلىقنى كۆزلەپ، توكسىكلىتقا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئادەم ئېلىشنىڭ خەتىرىنى ئويلاشمىغان.

  خەلق ساقچىسى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلغان، ھەمدە ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنىڭ شوپۇرى ۋە يولۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك بىلىملىرى توغرىسىدا تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ بارغان.

  قاتناش ساقچىسى ئاگاھلاندۇرىدۇكى: ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنىڭ قورۇلمىسى ئاددىي بولۇپ، تورمۇزلاش ئىقتىدارى ئاجىز، يولۇچىلار ۋە شوپۇرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، شوپۇرلار ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت ھەيدىگەندە، ئاڭلىق ھالدا قاتناش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، ئادەم ئالماي، ئىھتىياتچانلىق بىلەن ھەيدەپ، يولدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى يوقىتىپ، ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号