باش بەت

ئوغلان0996

2950يوللانما
13مەستانە

نىكاھتىن كېيىنكى مۇھەببەتنى ئۇنتۇپ قالماڭ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-01-10 20:49 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:

سىز بەلكىم بۇ خىل قاراشنى غەلىتىلىك ھېس قىلىپ ياكى ئۇنى توغرا تاپماي، مۇھەببەت پاراڭلىرىنى قىلىش مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياشلارنىڭ ئىشى، تويدىن كېيىن ئەر-خوتۇنلار ھەمىشە بىللە ئۆتۈۋاتسا، يەنە قانداقتۇر ئىشىق مۇھەببەتتىن گەپ ئېچىش كېتەمدۇ؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن. 

بۇ خىل قاراشتىكىلەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. ئۇلار ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى داۋاملىق بېيىتىش، تولۇقلاش ۋە يېڭىلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە سەل قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن نىكاھتىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى ئارىلىقى قىسقارسىمۇ، ئەمما روھىي جەھەتتىكى ئارىلىقى كېڭىيىپ، نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن گەپلىرى تۈگىمەيدىغان بولسا، نىكاھتىن كېيىن قىلىشقىلا گەپ تاپالمايدىغان، نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن بىر-بىرنىڭ كۆڭلىنى تاپالايدىغان بولسا، نىكاھتىن كىم بىرەر ئېغىز گەپمۇ ئېغىر كېتىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چۈشىنىدىغان يەردىمۇ چۈشەنمەيدىغان، كەچۈرىدىغان يەردىمۇ كەچۈرمەيدىغان، چىدايدىغان يەردىمۇ چىدىمايدىغان بولۇپ قېلىپ، ئەر-ئاياللىق ھېسسىيات بارغانسېرى سۇسلىشىپ، ياتلىشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئارىدا «ئۈچىنچى شەخس» پەيدا بولۇپ، تالاغا قارايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. 

بەزىلەر نىكاھلىنىشتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە تامامەن ئوخشىماي قالىدۇ.

مەسىلەن، بۇرۇن مۇلايىم، سۆيۈملۈك، رايىش بولغان بولسا، نىكاھتىن كېيىن  بېشەملىشىپ كېتىدۇ. بۇرۇن سالاپەتلىك، خۇشخۇي، ئەدەپلىك بولغان بولسا، نىكاھتىن كېيىن ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ، قوپاللىشىپ كېتىدۇ، بۇرۇن مۇھەببەتلەشكەن چاغدا، ئارىلىقى شۇنچە يېقىن بولسىمۇ، سۆيگۈ خەتلىرى ئۈزۈلمەيدۇ، ئەمما نىكاھتىن كېيىن بىرەر ئايدىن ئارتۇق كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتسىمۇ، بىرەر ئېغىز گېپى ياكى بىرەر پارچە خېتىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. دوستلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنى دائىم ئەسلەپ تۇرغىنى بىلەن ئېرىنىڭ (خوتۇنىنىڭ) تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ.

 قىسقىسى، نىكاھلىنىپ بالىلىق بولغاندىن كېيىن، نىكاھنى «بىخەتەر ئىشكاپ»قا سېلىۋېتىپ، تاماق يېيىش، خىزمەت قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ، ھېسسىيات بىلەن كارى بولمايدۇ. مېھرىبان ئەر-ئاياللار تويدىن كېيىن مۇھەببەتكە ئەزەلدىن سەل قارىمايدۇ. بۇلار دائىم نىكاھتىن كېيىنكى ھېسسىياتنىڭ ساپ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، بىر-بىرىنى دائىم ئاشىق-مەشۇق قاتارىدا كۆرىدۇ. 

مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، نىكاھلانغاندىن كېيىنكى مۇھەببەت نىكاھتىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. ئەر-ئاياللار نەچچە ئون يىللىق بوران چاپقۇنلەردا بىللە بولۇپ، بىر-بىرىنى ئوبدان چۈشىنىپ، بىر-بىردىن ئايرىلماي، سۆيگۈ بېغىدىكى «ھارام چۆپلەر»نى بىللە يوقىتىپ، سۆيگۈ گۈلىنى تەڭ پەرۋىش قىلىشى لازىم. بولمىسا بەختلىك ياشاپ ھاياتلىق مۇساپىسىنى بىللە تاماملاشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号