باش بەت

نەبىجان

3235يوللانما
0مەستانە

16 ياشلىق قىز ئوقۇغۇچى قەستكە ئۇچراپ جەسىتى دالىغا تاشلىۋېتىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-01-12 00:18 0 ئىنكاس چۈشتى

سىچۈن خەۋەر تورى لۇجۇ، 10-يانۋار تېلېگراممىسى:  

 1-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىچۈەن خەۋەر تورى مۇخبىرى لۇجۇ گۇتاۋ ناھىيەسى ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، گۇتاۋ ئېرلاڭ بازىرىدىكى بىر قىزچاق قەستكە ئۇچراپ بېشى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان ھەمدە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق لوX (ئەر، 30 ياش) نىڭ نۇقتىلىق گۇماندار ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن، ھەمدە بەش سائەتنىڭ ئىچىدە گۇماندارنى قولغا چۈشۈرگەن. سوراق قىلىش جەريانىدا گۇماندار ئۆزىنىڭ جىنايتىن ئېتراپ قىلغان. نۆۋەتتە بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈش باسقۇچىدا ئىكەن.  ئىگىلىنىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىزنىڭ ئىسمى شىياشىيەن بولۇپ بۇ يىل 16 ياش، ئۇ گۇتاۋ ناھىيەلىك ئېرلاڭ بازىرىدا تۇرىدىغان بولۇپ ئۆيدە بالىنىڭ كەنجىسى ئىكەن، ھەمدە لۇجۇدىكى بىر ئىنىستىتۇتنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن.  

 شىياۋشىيەننىڭ نەۋرە ئاكىسى جاۋ ئەپەندىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، 1-ئاينىڭ 7-كۈنى سىڭلىسى مەكتەپتىن تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلگەن ئىكەن، شۇ كۈنى دادىسىنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ سىرتقا چىقىپ كېتىپ سىڭلىسى بىلەن ئىنىسىلا ئۆيدە قالغان ئىكەن. جاۋ ئەپەندى:«تاياقنىڭ زەربىدىن ھۇشىدىن كەتكەن ئىنىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 9-يانۋار ئەتىگەن سائەت 5:00 ئەتراپىدا تاياق زەربىدىن ھۇشىدىن كەتكەنىكەن، ئۇ ئېسىگە كەلگەندە يېنىدا ھەدىسىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغان ھەمدە دەرھال قوشنىلىرىدىن ياردەم سورىغان» دېدى. جاۋ ئەپەندىنىڭ ئيتىشىچە، شۇ كۈنى سائەت 7:00 دىن ئاشقاندا بىر ئادەم ئۆيدىن بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دالىدا بىر قىزنىڭ ئورمانلىق ئارىسىدا تۇرغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە دەرال ساقچىغا مەلۇم قىلغان، بۇ قىز دەل جاۋ ئەپەندىنىڭ سىڭلىسى بولۇپ ساقچىلار نەق مەيدانغا كېلىپ قۇتقۇزغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.   

جاۋ ئەپەندى:«سىڭلىم ھەقىقەتەنمۇ ئۇۋالغا ئۇچرىدى، مەن ساقچىلارنىڭ قاتىلنى قاتتىق جازالاپ جەمئىيتىمىزگە بىخەتەر مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى، ئۇ يەنە ساقچىلارنىڭ بەش سائەت ئىچىدە گۈيجۇغا قېچىپ بېرىۋالغان قاتىلنى تۇتقانلىقىنى ئېيتتى.  

كېيىن مۇخبىرنىڭ گۇتاۋ ساقچىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ساقچىلار لوX(ئەر، 30 ياش) نىڭ ئەڭ نۇقتىلىق گۇماندار ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەنىكەن. شۇ كۈنى سائەت 11:50 ئۆتكەندە ساقچىلار جىنايەت گۇماندارى لوX نى قولغا چۈشۈرگەن، سوراق قىلىش جەريانىدا لوX ئۆزىنىڭ جىنايەت قىلمىشىنى ئېتراپ قىلغان، نۆۋەتتە بۇ دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号