باش بەت

رۇقىيە 504

50يوللانما
0مەستانە

سەنئەت ساھەسىدە بىتەكرار ئارتىس چېڭ لوڭنىڭ سىز بىلمەيدىغان ئىشلىرى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-01-20 10:39 0 ئىنكاس چۈشتى

چېڭ لوڭنىڭ سىز بىلمەيدىغان ئىشلىرى

چېڭ لوڭنى قارىلاشقا سالاھىيىتىڭلار توشمايدۇ، قايىل بولمىسىڭىز تۆۋەندىكى تارتقان جاپالىرىغا قاراپ بېقىڭ!

1975-يىلى، «شاۋلىن ئىبادەتخانىسى» دېگەن كىنونى ئىشلىگەندە، ئۇ رولنى ھەقىقىي ئالىمەن دەپ يارىلىنىپ، ھەتتا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا نەچچە كۈن ياتقان.

 

 1978-يىلى، «مەست جامبازلىق»نى سۈرەتكە ئالغاندا، قاڭشىرىنىڭ سۆڭىكى دەز كەتكەن، كۆزى ئېغىر يارىلانغان.

1978-يىلى، «يىلان شەكىللىك ماھارەت» نى سۈرەتكە ئالغاندا، بىر تال چىشى چۈشۈپ كەتكەن. 

1980-يىلى، «ئۇستاز-شاگىرتنىڭ بەسلىشىشى»نى سۈرەتكە ئالغاندا، بۇرۇن سۆڭىكى يارىلانغان.

 

1982-يىلى، «ئەجدىرىھا بايۋەتچە»نى ئىشلىگەندە ئېڭىكى يارىلانغان. 


1983-يىلى، «ئا پىلان»نى سۈرەتكە ئالغاندا، بويۇن سۆڭىكى ئېغىر يارىلانغان، بۇرۇن سۆڭىكى يەنە بىر قېتىم يارىلانغان. 

1985-يىلى، «شىددەتلىك ھۇجۇم»نى ئىشلىگەندە، بارمىقى سۇنغان. 


1985-يىلى، «ساقچىنىڭ ھېكايىسى»نى ئالغاندا، دۈمبە ئومۇرتقا سۆڭىكىنىڭ 6-8گىچە بولغىنى ئېغىر يارىلانغان ۋە داس سۆڭىكى ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتكەن. 

1986-يىلى، «بۇرادەرلەر»نى ئىشلىگەندە، دەرەخنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخى سۇنۇپ كېتىپ، ئېگىزدىن يەرگە قاڭقپ چۈشۈپ، سول قۇلاق سۆڭىكى ئالدىغا تومپىيىپ چىقىپ قالغان، مېڭىسىگە قان چۈشكەن، ھېلىمۇ ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغانلىقتىن ھاياتى ئامان قالغان. 

1989-يىلى، «مۆجىزە»نى تارتقاندا، بۇرۇن سۆڭىكى يەنە قاتتىق سوقۇلۇپ كەتكەن. 

1990-يىلى، «بۈركۈت پىلانى»نى سۈرەتكە ئالغاندا، مېڭە سۆڭىكى يېرىلغان ۋە ئورنىدىن ئازراق يۆتكىلىپ كەتكەن.

 

1992-يىلى، «ئالاھىدە ساقچى»نى ئىشلىگەندە، يۈز ئۇستىخىنى يېرىلىپ كەتكەن.

 

1993-يىلى، «شەھەرلىك ئوۋچى»نى ئىشلىگەندە، ئوڭ مۈرىسى يارىلانغان، بوغۇمى چاچراپ چىقىپ كەتكەن. 

1994-يىلى، «خۇڭفەن رايونى»نى تارتقاندا، تىز سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن.

1995-يىلى، «چاقماق ئوتى»نى ئىشلىگەندە، پۇتى ماشىنىنىڭ ئاستىدا قېلىپ يارىلانغان.

1996-يىلى، «ئاق ئالتۇن ئەجدىرىھا»نى ئىشلىگەندە، ئېغىزى سوقۇلۇپ كېتىپ يارىلانغان. 

1997-يىلى، «بىر ياخشى ئادەم»نى ئىشلىگەندە، بۇرۇن سۆڭىكى 4-قېتىم يارىلانغان، بويۇن ئومۇرتقىسى يارىلانغان.

1998-يىلى، «مەن كىم»نى ئىشلىگەندە، سول تەرەپ قوۋۇرغا سۆڭىكى ۋە تاپىنى يارىلانغان.

2001-يىلى، «ئالاھىدە ۋەزىپە بىلەن شەھەر ئاختۇرۇش»نى تارتقاندا، تۆۋەن ئومۇرتقا سۆڭىكى يارىلانغان. 

2002-يىلى، «ئۇچار ئەجدىھانىڭ قايتا تىرىلىشى»نى ئىشلىگەندە، كۆز قىسمى يارىلىنىپ، لىق قانغا تولۇپ كەتكەن.

2005-يىلى، «بوۋاق پىلانى»نى ئىشلىگەندە، ئېھتىياتسىزلىقتىن 15 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دەرەخ شېخىدىن چۈشۈپ كېتىپ، بېشى سىمونت يەرگە قاتتىق سوقۇلۇپ كەتكەن، سول بىلىكى ۋە سول پۇتى سۇنۇپ كەتكەن. 

«ئون ئىككى مۆچەل»نى ئىشلىگەندە، ئۇنىڭ يارىلانمىغان يېرى قالمىغان. 

ئەگەر سىز چېڭ لوڭنىڭ يۇقارقى كىنولىرىنى كۆرگەن بولسىڭىز، ئۇنى يەنە قانداقمۇ قارىلاشقا ئاغزىڭىز باردى؟ مېنىڭچە چېڭ لوڭ ھەقىقەتەن مۆجىزىلىك بىر شەخىس، ئۇ بىزگە نۇرغۇن خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلغان، ئۇنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ ھېچكىم ئالالمايدۇ. ھازىر ئىنتېرنېت تور دەۋرى، ھەر بىر قارىلانغان كىشىنىڭ كەينىدە چوقۇم سىز بىلمەيدىغان ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشى بولغان بولىدۇ. ھالبۇكى قارىلىغۇچى چوقۇم ئۆزىنىڭ مەلۇم مەنپەئەتىنى كۆزلەپ قارىلايدۇ. توردىكى ئەپقاچتى گەپلەرنى ئاڭلاپلا ئىشىنىپ كەتمەيلى. ھەر بىرىمىز ئاڭلىق ئادەم، بىر ئادەمگە باھا بەرگەندە ئوبيېكتىپ بولايلى. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号