باش بەت

ayyaruk

66يوللانما
0مەستانە

يوقاپ كەتكەن بالىنىڭ جەسىتى بىر كۈندىن كېيىن ئۆيىنىڭ يېنىدىكى كۆلچەكتىن بايقالدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-01-24 13:11 0 ئىنكاس چۈشتى

بالا يوقاپ كېتىپ بىر كۈندىن كېيىن ئۆيىنىڭ يېنىدىكى كۆلچەكتىن جەسىتى بايقالدى

تۈنۈگۈن، جۇڭگو سودىگەرلەر گېزىتىدىكى ھەرقايسى سۇپىلار ئادەم ئىزدەش ئېلانى چىقىرىپ، يوقاپ كەتكىنىگە بىر كۈن بولاي دەپ قالغان بىر ياش 10 ئايلىق بولغان ئوغۇل بالىنى ئىزدىگەن، چۈشتىن كېيىن بۇ خەۋەر تارقىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا بالا تېپىلغان ئەمما نەتىجىسى كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرغان.

بالىنىڭ فامىلىسى چياڭ بولۇپ، چاڭئەن رايونى داياۋ مەھەللە ئىش باشقارمىسى سەنليەن كەنتىدىن، 22-يانۋار چۈشتىن كېيىن سۇڭماجى يولى سەنليەن كەنتى يول بۆلىكى بويىدا يوقاپ كەتكەن، جۇڭگو سودىگەرلەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بالىنىڭ ئانىسى بىلەن ئالاقىلەشكەن چاغدا، ئۇ داجاۋ ساقچىخانىسىدا خاتىرە قالدۇرۇۋاتقان ئىكەن. بالىنىڭ دادىسى مۇخبىرغا «شۇ چاغدا ئانىسى ئالدىدا مېڭىۋاتقان، بالا ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىۋاتقان، ئىككىيلەننىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 20 نەچچە مېتىر ئىدى، ئانىسى يول بويىدا باشقىلارغا نەرسە ئاپىرىپ بەرگىلى كەتكەن  ئۈچ-تۆت مىنۇت ئىچىدىلا بالا يوقاپ كەتتى».

تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو سودىگەرلەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى چاڭئەن ساقچى تەرەپتىن خەۋەر ئىگىلىشىچە، بالا يوقاپ كەتكەن جايدىن ئىككى-ئۈچ يۈز مېتىر يىراقلىقتىكى بىر قۇرۇپ كەتكەن كۆلچەكتىن بايقالغان، بالىنىڭ يۈز قىسىمى تۆۋەنگە قارىتىلغان بولۇپ، ئاللىبۇرۇن قازا قىلغان ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەن جاي بىلەن بالىنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 300 مېتىر كېلىدىكەن، ئۆستەڭنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ ھەممىسى توپا دۆڭ ۋە پاكار ئۆسۈملۈكلەر بولۇپ، بەزى كەنت ئاھالىسى بۇ يەرگە ئەخلەت تۆكىدىكەن. يول تۈز بولمىغانلىقتىن، ئادەتتە بۇ يەردىن ئادەم ئۆتمەيدىكەن.

 پۇقرالارنىڭ ئېيتىشىچە، بالا يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچتە 100 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ئۆيلىرىدىن چىقىپ بالىنى ئىزدەشكە ياردەملەشكەن. دەسلەپتە كۆپچىلىك بالىنى ئادەم بېدىكلىرى ئېلىپ قاچتىمىكىن دەپ گۇمان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن پويىز ئىستانسىسى، شەھەرنىڭ شەرقىدىكى يولۇچىلار بېكىتى قاتارلىق جايلارنى ئىزدىگەن. تاكى 23-چېسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە بالا بايقالغانغا قەدەر، بەزى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى شىئەن پويىز ئىستانسىسىدا بالىنى ئىزدەۋاتقان ئىكەن.

تۈنۈگۈن كەچ، خەۋەرنى ئاڭلىغان كەنت ئاھالىلىرى بالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاتا-ئانىسىغا تەسەللى بەرگەن. بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېيىشىچە، بالىنىڭ 11 ياشقا كىرگەن ئاكىسى باركەن. قوشنىسىنىڭ دېيىشىچە: بالىنىڭ دادىسى ئادەتتە پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىپ پۇل تاپىدىكەن، بالىنىڭ ئاپىسى بولسا ئۆيدە بالىلارنىڭ ۋە چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىكەن. ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئادەتتە مۇلايىم بولغاچقا، قوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئىكەن.

بالىنىڭ زادى قانداق قازا قىلغانلىقىنى ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.  

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号