باش بەت

kelly

1466يوللانما
65مەستانە

نېمە ئۈچۈن «تىتانىك»تا جېك ياغاچ تاختىغا يامىشىپ چىقىۋالماي دېڭىزدا توڭلاپ ئۆلىدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-02-07 15:15 0 ئىنكاس چۈشتى

كلاسسىك مۇھەببەت فىلىمى «تىتانىك ناملىق پاراخوت»نىڭ ئاخىرىدا جېك بىلەن رۇسى ئىككىلىسى ھايات قىلىپ بەختىلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى مۇمكىن ئىدى، ھەمدە بۇلارنىڭ ھەممىسى كەيت ۋىنسلىت رولىنى ئالغان رۇسى دېڭىزدىكى لەيلىمە تاختىدا ئازراق يۆتكىلىپ جېككە ئورۇن بوشۇتۇپ بەرگەن بولسا ئەمەلگە ئاشاتتى.

لېكىن 1997-يىلى ئىشلەنگەن بۇ فىلىمدە لىئوناردو دىكاپىرو رولىنى ئالغان جەك ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى قۇربان قىلىپ رۇسىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.

ھازىر كەيت ۋىنسلىت ئەينى ۋاقىتتا تاختىنىڭ ئىكى ئادەمنى سىغدۇرالايدىغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسلىدە رۇسى جېكنىڭ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ سوغۇق سۈيىدە توڭلاپ ئۆلىشگە قاراپ ئولتۇرماي  ھايات قالدۇرالايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

« Jimmy Kimmel Live!» پروگراممىسىدا رىياسەتچى جىمى كىممىل ياغاچ تاختىدا يېتەرلىك بوشلۇق بولغاندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن رېژىسسور كامېرون جېكنى ئۆلىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى؟ دەپ سورىدى. بۇ سوئالغا قارىتا كەيت ۋېنسلىت:«توغرا، مەن مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن. جېك ئەسلىدە ياغاچ تاختىغا يامىشىپ چىقالايتى» دېدى.

بۇ پروگراممىنىڭ رىژىسسورى جىمىنىڭ سوئالىنى بەكلا سەزگۈر بولۇپ كەتتى دەپ قارىدى، بۇنىڭغ قارىتا جىمى كىممىل:« توختاڭلار، مەن شېكىسپىردىن نېمە ئۈچۈن رۇمىيو بىلەن جۇلىتانى چوقۇم ئۆلىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان قىلغانلىقىنى سوراپ باقاي» دېدى.

ئەمەلىيەتتە بۇ سوئال جىمى كىممىلدىلا ئەمەس باشقا نۇرغۇن كىشىلەردە پەيدا بولغان، ھەتتا ئىلگىرى بەزىلەر ۋىدىئو ئارقىلىق ياغاچ تاختىغا ئىككى ئادەمنىڭ بىمالال سىغالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.  


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号