باش بەت

نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن

1927يوللانما
7مەستانە

4-نۆۋەتلىك «نۇردۇن شىركىتى-كومما شىركىتى» مۇھاكىمە يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-02-15 11:36 0 ئىنكاس چۈشتى

مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن فوتو خەۋىرى :

2016-يىلى 14-فېۋرال ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار زىياپەت زالىدا ئۈرۈمچى نۇردۇن سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئەنگلىيە كومما شىركىتىنىڭ 4-نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى غەلىبىلىك ھالدا ئېچىلدى.

بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىىغنىغا ئۈرۈمچى نۇردۇن سودا چەكلىك شىركىتى خادىملىرى، جايلاردىكى ۋاكالەتچىلىرىدىن سىرت يەنە ئەنگلىيە OOXS سىلىقلاش مايلىرى شىركىتىنىڭ ۋەكىلى ئارتاك ئەپەندى ۋە شىركەتنىڭ جۇڭگو رايونى باش ۋەكىلى خۇرۇي ئەپەندى، شۇنداقلا ئاخبارات ۋاستىلىرى قەدەم تەشرىپ قىلدى.

ئاۋۋال OOXS سىلىقلاش مايلىرى شىركىتىنىڭ ۋەكىلى ئارتاك ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئارقىدىن  OOXS سىلىقلاش مايلىرى جۇڭگو رايونى ۋەكىلى خۇرۇي ئەپەدى سۆز قىلدى.

ئارقىدىنلا ئۈرۈمچى نۇردۇن چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى نۇردۇن ئەپەندى شىركەت تەرەققىياتى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

پائالىيەتتە يەنە مۇكاپاتلىق چەك تارتىش، ئورۇن تالىشىش قاتارلىق كۆڭۈللۈك ئويۇن ھالقىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

مۇكاپات چىققۇچىلارغا پارچە باھاسى 450 يۈەنلىك ئاپتول سوۋغا قىلىندى.

ئارقىدىن شىنجاڭ توغراق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى قۇرغۇچىسى ئابدۇراھمان پەتتار ئەۋف ئەپەندى لېكسىيە سۆزلىدى.

ئۈرۈمچى نۇردۇن چەكلىك شىركىتى لىدىرى نۇردۇن ئەپەندى ئابدۇراھمان پەتتار ئەۋف ئەپەندىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىدە ئوقۇتقۇچىسىغا دوپپا كىيدۈرۈپ، گۈل تەقدىم ئەتتى.

ئارقىدىن ئۈرۈمچى نۇردۇن چەكلىك شىركىتى لىدىرى نۇردۇن ئەپەندى جاپاكەش دادىسىغا تون كىيدۈرۈپ، گۈل ھەدىيە قىلدى.

200 مىڭ يۈەنلىك مال سېتىۋالغان تۆت نەپەر ۋاكالەتچىگە تۆت ماشىنا سوۋغا قىلىندى.

ئاخىرىدا سېتىپ چىقىرىشى ياخشى بولغان ۋاكالەتچىلەر بىلەن نەق مەيداندا يۇقىرى سوممىلىق مال زاكاز قىلغان ۋاكالەتچىلەرنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇكاپاتلانغۇچىلارغا نەق پۇل، رەڭلىك تېلىۋىزور، ئاپتوماتىك كىرئالغۇ، دوخۇپكا قاتارلىق بۇيۇملار سوۋغا قىلىندى.

ئاخىرىدا غۇلجا كۈنەستىكى ۋاكالەتچىسى، شۇنداقلا پارچە سېتىپ چىقىرىش چېمپيونى سۆز قىلدى.

ياخشىلىق قىلىش مەڭگۈلۈك ئىش، ئۇ شەخسنىڭ ئېھتىياجى. بىر شەخسنىڭ يەنە بىر شەخسكە تەسىر كۆرسىتىشىدىكى ئېھتىياج. بىز بىراۋغا ياخشىلىق ئۇرۇقى چاچقىنىمىزدا، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزدىكى بىر ئۈلۈشنى بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر ئۈلۈش ساۋابقا ئېرىشىمىز، ھەر بىر ياخشىلىق، ھەر بىر ئوي، بىز تاشلىغان ھەربىر ئۇرۇق، بىز ئۇنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇ ئۈنۈپ چىقىدۇ، بىخ سۈرىدۇ. بىزدىن ئالغاننى ئۇ باشقىلارغا قايتۇرىدۇ. بىز كىشىلەرنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قانداق تۆھپە قوشقانلىقىمىزنى بىلمەيلا قالىمىز.

ئۈرۈمچى نۇردۇن سودا چەكلىك شىركىتىمۇ شىنجاڭدىكى 73 مەخسۇس سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەربىر دۇكاندا بىردىن ئىئانە ساندۇقى ياساپ، يىغىلغان پۇللارنى شىركەت ئاجراتقان پۇل بىلەن بىرگە مائارىپ-ئىشلىرىغا ئاتاپ، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم سۇنماقتا.

بىز ئۈرۈمچى نۇردۇن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز.

نۇردۇن ئىمپورت سىلىقلاش مايلىرى زەنجىرسىمان دۇكانلىرىغا ئەزا بولۇشنى خالىسىڭىز ئالاقىلىشىڭ: 

 ئالاقىلىشىش نومۇرى: 15886880383


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号