باش بەت

نەبىجان

3219يوللانما
0مەستانە

بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېمەكلىكلەر

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-02-18 11:42 0 ئىنكاس چۈشتى

1. تېرىق: تېرىقنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ئاقسىل، ياغ، كالىتسىي، تۆمۈر، ۋىتامىن B قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، كىشىلەر مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار دەپ قارايدۇ.

    2. تۇخۇم: تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە مول بولغان لېتسىتىن بار. ئۇ مېڭىدىكى ئاتسېتىلخولىننىڭ كۆپلەپ قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئەگەر بالىلار ھەركۈنى ئەتتىگەندە بىر-ئىككى تال تۇخۇم يەپ بەرسە، بەدەننى ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدىكى زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتۇپ تۇرىدۇ.

    3. پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر: سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە ئىنتايىن مول بولغان سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار، ئۇلار مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە تولۇقلىنىشىدىكى ئاساسلىق تەركىب. سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە يەنە %1.64 لىك لېتسىتىن، تۆمۈر شۇنداقلا ۋىتامىن قاتارلىق بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بالىلارنىڭ ئەستە تۇتىۋىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ.

    4. بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر: بېلىق گۆشى تەكىبىدە، گلوبۇلىن، ئاق ئاقسىل شۇنداقلا كۆپ مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ۋىتامىن قاتارلىقلار بار. مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بالىلارنىڭ ئەستە تۇتىۋىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما بالىلار بېلىق گۆشىنى ئىستىمال قىلغاندا، بېلىق قىلتىرىقىنىڭ گېلىدە تۇرۇپ قېلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم.

    5. قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك: قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكنىڭ تەركىبىدە كالىتسىي ئىنتايىن مول بولۇپ، ھەر يۈز گىرام قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكنىڭ تەركىبىدە ئىككى مىڭ مىللىگرام كالىتسىي بولىدۇ. بەدەندىكى كالىتسىي يېتەرلىك بولغاندىلا چوڭ مېڭىنىڭ ئەڭ ياخشى خىزمەت ھالىتىدە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، شۇنداقلا كالىتسىي يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بالىلار مۇۋاپىق مىقداردىكى قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكنى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئەستە تۇتىۋىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشقا ۋە سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدۇ.

    6. كالا سۈتى: ھەر يۈز گىرام كالا سۈتى تەركىبىدە 3.5 گىرام ئاقسىل، 125 مىللىگرام كالىتسىي بولىدۇ. كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالىتسىينىڭ نېرۋىلارنى تەڭشەش، مۇسكۇللارنى روھلاندۇرۇش رولى بار. بالىلار ھەركۈنى ناشتىدىن كېيىن بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بەرسە، تونۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ مىڭىنىڭ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

    7. سامساق-پىياز: سامساق-پىياز تەركىبىدە «سامساق ئامىنى» بولۇپ، بۇ خىل ماددىنىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان پايدىلىق تەرەپلىرى ۋىتامىن B دىن نەچچە ھەسسە كۆپ. ئادەتتە بالىلار سامساق-پىياز كۆپ يەپ بەرسە، مېڭە ھۈجەيلىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

    8. جىگەر، بۆرەك: ھايۋاناتلارنىڭ جىگەر ۋە بۆرىكىدە ئىنتايىن مول بولغان سۈپەتلىك ئاقسىل، گلىكولىپىد، خولىن ۋە تۆمۈر بار. گلىكولىپىد چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتىۋىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ، تۆمۈر ماددىسى يېتەرلىك بولغاندا، قىزىل قان ھۈجەيلىرىنىڭ ئوكسىگىن يەتكۈزۈپ بېرىشى نورماللىشىپ، بالىلار تېخىمۇ سەزگۈر ۋە چېچەن بولىدۇ.

    9. ياڭاق: ياڭاق مېغىزىدا %40-%50 لىك تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئادەم مېڭە ھۈجەيلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى ماددىلارنىڭ %60 ى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى چوڭ مېڭىنىڭ كام بولسا بولمايدىغان تەشكىل قىلغۇچى ماددىسى، بالىلار دائىم ياڭاق يەپ بەرسە چوڭ مېڭىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/17/content_498560.htm 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号