باش بەت

ياقۇپجان قۇناخۇن

726يوللانما
13مەستانە

گوللاندىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بويى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىزكەن

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-02-23 17:17 0 ئىنكاس چۈشتى

 

نۇر تورى تەرجىمىسى: پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئادەملىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بويى ئەڭ ئېگىز دۆلەت قايسى؟ ئامېرىكا، گېرمانىيە، نورۋېگىيە دېدىڭىزما؟ ياق، بۇ دۆلەت-گوللاندىيە.

2014-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدا، گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرىچە بويى ئەڭ ئېگىز، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ قاۋۇل بولۇشى كىچىكىدىن باشلانغان ئوزۇقلىنىش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. گوللاندىيە ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 188 سانتىمېتىر، ئاياللىرىنىڭ 172 سانتىمېتىر. ياۋروپادا گوللاندىيە ساھىبجامال قىزلار ۋە كېلىشكەن ئەرلەرنىڭ كۆپلىكى بىلەن داڭلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بويى ئېگىز بولغاچقا، نۇرغۇن ياۋروپالىقلار گوللاندىيەلىكلەر بىلەن توي قىلىشنى بەخت دەپ بىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە گوللاندىيەلىكلەرمۇ ئىلگىرى «پاكار» ئىدى، 19-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى گوللاندىيە ئارمىيەسى ئەسكەر قوبۇل قىلغاندا، تۆتتىن بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ بوي ئېگىزلىكى 158 سانتىمېتىرغا يەتمىگەچكە قوبۇل قىلىنمىغان. بىر مىللەتنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىنىڭ چوقۇم ئىقتىسادىي سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن ناھايىتى زور مۇناسىۋىتى بار، گوللاندىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئامېرىكىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوزۇقلىنىش جەھەتتىكى ئامىللار بار.

 

 

گوللاندىيەنىڭ «رىۋايەتلەردىكى سىيىر ماكانى» دېگەن نامى بار، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان سۈت مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك. گوللاندىيەلىكلەر بولۇپمۇ كالا سۈتى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ گوللاندىيەلىكلەرنىڭ بويى ئېگىز بولۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى.


 

گوللاندىيەدە مەيلى ئەر-ئايال، قېرى-ياش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى سۈت مەھسۇلاتلىرىغا سەۋدايىلارچە مەپتۇن. گوللاندىيەدە نۇرغۇن ياش يىگىت ۋە ياشانغانلارنىڭ چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا بىر چوڭ قۇتا كالا سۈتى ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە 70 ياشتىن ئاشقان ياشانغان ئەدەمنىڭ بىر قۇتا كالا سۈتىنى ئىچىۋېتىشى «ئەقىلگە سىغمايدۇ»، لېكىن ئۇلار مۇنداق قارىمايدۇ.

 

 

چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، مودا كىيىنگەن مۇسكۇللۇق يىگىتلەر قارا كۆزئەينەك تاقاپ تېيلىش تاختىسى ئوينىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن گوللاندىيەدە ئىشلەنگەن كالا سۈتىنى ئىچىدۇ. گوللاندىيەدىكى چوڭ سودا سارايلاردا بىر قۇتىسى 250 مىللىلېتىرلىق كالا سۈتى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، ئادەتتە كىچىك چېلەكلەرگە قاچىلاپ ساتىدۇ، قۇتىغا قاچىلانغان كالا سۈتلىرى ئاساسەن 400 مىللىلېتىرنىڭ يۇقىرىسىدا بولىدۇ. گوللاندىيەلىكلەر ھەر ھەپتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2600 مىللىلېتىر كالا سۈتى ئىستېمال قىلىدۇ، بۇ كالا سۈتلىرىنىڭ ھەممىسى يۇقىرى سۈپەتلىك، گوللاندىيەنىڭ كالا سۈتى دۇنياغا داڭلىق. گوللاندىيەنىڭ ئاران 17 مىليون نوپۇسى بار دەپ بوش چاغلىماڭ، گوللاندىيە ھەر يىلى ئېكىسپورت قىلىدىغان كالا سۈتى فرانسىيەنىڭ بەس ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

 

 

گوللاندىيەلىكلەرنىڭ بويىنىڭ مۇنداق ئېگىز بولۇشى، ئۇلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك كالا سۈتى ئىچىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. قاۋۇل بەدەن ۋە بىرقەدەر ئېگىز بوي گوللاندىيەلىكلەرنى خەلقئارالىق چوڭ تىپتىكى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ئىنتايىن ياخشى ئىپادىسىنى نامايەن قىلىشىغا تۈرۈتكە بولغان، گوللاندىيە پۈتۈن دۇنيا بويىچە پۇتبولنى ئەڭ ياخشى ئوينايدىغان بىرقانچە دۆلەتنىڭ بىرى، ئۇلار بۇنىڭدىن پەخرىلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号