باش بەت

رۈيا

853يوللانما
1مەستانە

زەھەر چەككەن ئەر پىچاق كۆتۈرۈپ ئادەم يارىلاندۇردى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-02-24 20:06 0 ئىنكاس چۈشتى

2-ئاينىڭ 18-كۈنى، چاڭچۈن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قەستەن ئادەم يارىلاندۇرۇش دېلوسىنى پاش قىلغان، جىنايەت گۇماندارى شۈ XX مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا تۇتۇلغان. 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە، كۈەنچېڭ رايونى ليۇيىڭ جىيايۈەن ئىككىنچى قارار ئولتۇراق رايونىنىڭ ئەتراپىدا قەستەن ئادەم يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈزبەرگەن، قولىغا پىچاق ئالغان بىر ئەر كېچىلىك سىمېنادىن چۈشكەن شاڭ XX نى چېپىپ يارىلاندۇرغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن، ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان. ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، چاڭچۈن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى كۈەنچېڭ شۆبە ئىدارىسى دەرھال مەخسۇس دېلو گورۇپپىسى تەسىس قىلغان. 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، مەخسۇس دېلو گورۇپپىسى ليۇيىڭ جىيايۈەن ئىككىنچى قارار ئولتۇراق رايونىدا جىنايەت گۇماندارى شۈXX نى تۇتقان. دېلو بېجىرگەن ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشى بىلەن جىنايەت گۇماندارى شۈXX مۇنۇلارنى ئىقرار قىلغان، زەھەر چەككەنلىكى سەۋەبلىك خىيالى تۇيغۇ پەيدا بولۇپ كونتروللىقىنى يوقاتقان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شاڭXX نى چېپىپ يارىلاندۇرغان.  

نۆۋەتتە، جىنايەت گۇماندارى شۈXX قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号