باش بەت

ayyaruk

66يوللانما
0مەستانە

نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن ئەر ماشىنىسىدا كۆمۈر كۆيدۈرۈپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-02-28 11:58 0 ئىنكاس چۈشتى

 

«پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى» لېكىن بەزى چاغدا پۇلنىڭ سەۋەبىدىن بىر قىسىم كىشىلەر تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، جىياڭمېن شەھىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ فېڭجىياڭ شۆبە ئىدارىسى بىر پاجىئەلىك ۋەقە توغرىسىدىكى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان: بىر 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان گۇاڭشىلىق ئەر نەچچە يۈز مىڭ يۈەن قەرز بولۇپ قېلىپ، ياغاچ كۆمۈرنى كۆيدۈرۈپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، ئۆيدىكىلىرى چەكسىز قايغۇرغان.

2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈش سائەت 12 دە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى لىن XX نىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرۇپ ئالاقلىشالمىغان. 25-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلە تەۋابىئاتلىرى خېتاڭ چوڭ كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى سايدا لىن XX نىڭ قارا بېك ماشىنىسىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا مىدىر قىلماي ياتقانلىقىنى بايقىغان.

ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان. خېتاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە، مەزكۇر ئىدارىنىڭ خېتاڭ ساقچىخانىسى ئۆلگۈچى لىن XX نىڭ نەۋرە ئاكىسىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، نەۋرە ئاكىسى لىن XX نى ئۆزىنىڭ ماشىنىسى ئىچىدىن بايقىغانلىقىنى، چاقىرسا جاۋاب چىقمىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەلق ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، خېتاڭ بازىرى جىياڭخەي يەم-خەشەك زاۋۇتى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى شىجىياڭ دەريا توسمىسى يول بۆلىكى ئاستىدا قارا رەڭلىك ماشىنىنى بايقىغان بولۇپ، ماشىنىنىڭ ئارقىدىكى ئورۇندا بىر ئەرنىڭ ياتقانلىقىنى، ئارقىدىكى ئورۇننىڭ پۇت دەسسەيدىغان جايدا بىر سۇ پۈركۈش چۆگۈنى بارلىقىنى بايقىغان. ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بۇ ئەرنىڭ دەل يوقاپ كەتكەن لىن XX ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەنلىكى، گۇاڭشىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. تېببىي خادىملار نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لىن XX نىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. فېخەي ج خ شۆبە ئىدارىسى قانۇن دوختۇرلىرى ۋە جىنايى ئىشلار تېخنىك خادىملىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى باشقىلارنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى يوققا چىقارغان.

خەلق ساقچىلىرى ماشىنا ئىچىدىن بىر كىتاب تاپقان بولۇپ، كىتابتا ئۈمىدسىزلىك سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان ئويلىرى يېزىلغان. ئەھۋالنى بىلگۈچىلەر لىن XX نىڭ خاتىرە كومپيۇتېردا يەنە نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك قەرز خاتىرىسى بارلىقىنى، بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى چۈشكۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، قانۇن دوختۇرلىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆلگۈچى لىن XX  نىڭ بەدىنىدە سىرتقى زەخىملىنىش يوق، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ھىم ئېتىپ سۇ چېچىش چۆگۈنىدە كۆمۈر كۆيدۈرۈپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号