باش بەت

del103

3764يوللانما
9مەستانە

دۇنياغا داڭلىق تور نامى تىزىملىتىش سۇپىسى GoDaddy خەنزۇچىنى قوللايدىغان بولدى

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2016-03-03 23:58 0 ئىنكاس چۈشتى

GoDaddy بولسا دۇنياغا داڭلىق تور نامىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە ئىنتېرنېت مۇلازىمېتىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى (ئامېرىكا شىركىتى) بولۇپ، بۇ ساھەدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ  شىركەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نازارەتچى ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، GoDaddy دە رويخەتكە ئېلىنغان تور ناملىرىنىڭ سانى ئاللىقاچان دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن، GoDaddy يەنە مۇستەقىل IP ۋە SSL گۇۋاھنامىسى قاتارلىق كۆپ خىل مۇلازىمەت تۈرىنى يولغا قويغان.

دۆلىتىمىزدە ئوخشاش ساھەدىكى مۇلازىمەت شىركەتلىرىدە خىلمۇ-خىل ئىشەنچسىز ئامىللار مەۋجۇت بولغاچقا، كىشىلەر چەتئەلنىڭ كارخانىلىرىنى تاللىغاندا تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ. ئىلگىرى GoDaddy تور بېكىتىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئىنگىلىزچە بولۇپ، خەنزۇتىلىنى قوللىمايتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئاسىيا بازىرىغا، بولۇپمۇ جۇڭگو رايونىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، GoDaddy ئاخىرى خەنزۇچە كۆرۈنمە يۈزنى كۆپەيتىپ، خەنزۇتىلىدا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى باشلىغان! ئۇنىڭ ئۈستىگە بانكا بىرلەشمىسى ئارقىلىق ھەق تۆلەش ئۇسۇلىنىمۇ يولغا قويغان.

بۇ GoDaddy دىن تور نامى سېتىۋالغاندا ئىنگىلىزتىلى بىلمەي قىيىنىلىپ قالغان دوستلار ئۈچۈن چوڭ بىر خۇشخەۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مانا ئەمدى تور نامىنى خاتىرجەم سېتىۋېلىشتا، ئەمدى دۆلىتىمىزدىكى ئالى يۈن (ۋەن ۋاڭ)، شىن ۋاڭ قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەردىن باشقا، GoDaddy مۇ يېڭى بىر تاللاشقا ئايلاندى.

بىراق، ئەگەر سىز ئىنگىلىزتىلى بىلسىڭىز، ئۇنداقتا بىز سىزگە يەنە NameSilo نىمۇ تەۋسىيە قىلىمىز، بۇ تور بېكەتتىكى تور ناملىرىنىڭ باھاسى نىسبەتەن ئەرزان بولۇپ، ھېسابات بىخەتەرلىك دەرىجىسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، Whois Privacy يەنى Whois ئۇچۇرىنى قوغداش مۇلازىمىتىنى «ھەقسىز» سوۋغا قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەق تۆلەش گۆھىرى، يەنى چىقىمدان ئارقىلىق پۇل تۆلىگىلى بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号