باش بەت

تىلماچ07

54يوللانما
0مەستانە

گانگې دەرياسىدا لەيلەپ قالغان قورقۇنچلۇق جەسەتلەرنىڭ سىرى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-03-04 22:23 0 ئىنكاس چۈشتى

 گانگې دەرياسىدا لەيلەپ قالغان جەسەتلەر بولسا پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر بولغان بىر ئىشتۇر. ھىندىستاننىڭ گانگې دەرياسى، دۇنيادىكى ئىنسانلار پەيدا بولغان تۆت چوڭ بۆشۈكنىڭ بىرى بولسىمۇ، سۇدا لەيلەپ قالغان جەسەتلەر بىلەن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان. گانگې دەرياسىدا لەيلەپ قالغان جەسەتلەرنىڭ ئارقىسىغا زادى قانداق كىشىگە ئېيتقىلى بولمايدىغان مەخپىيەتلىك يوشۇرۇنغان؟ بۈگۈن، پېقىر گانگې دەرياسىدا لەيلەپ قالغان جەسەتلەرگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى توپلىغان ئىدىم، كۆپچىلىك بىلەن بىللە گانگې دەرياسى ۋە جەسەتلەرنىڭ سىرىنى ئاچىمىز. 


ھىندىستاننىڭ گانگې دەرياسىدىكى جەسەتلەر مەسىلىسى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. يېقىندا، شەرقىي ئىشتاتقا ئېقىپ كىرىدىغان دەريادا ئون نەچچە  جەسەت پەيدا بولغان. گانگې دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشى داۋاملىق يامانلىشىپ، ھۆكۈمەت بۇلغىنىشنى تۈزۈك بىر تەرەپ قىلالمىغاچقا مۇھىت ئاسراش زاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان، ھەتتا ئاخىرىدا «ئۇلتىماتۇم» تاپشۇرغان.

 پاكىستاننىڭ «مۇنبەر خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ 19-ئاۋغۇست دېيىشىچە، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ھىندىستاننىڭ شىمالىي شتاتىغا ئېقىپ كىرىدىغان گانگې دەريا سۈيى تۆۋەنلەپ، 80 نەچچە  جەسەت كۆرۈنۈپ قالغان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاللىقاچان چىرىپ كەتكەن، يەنە بىر قىسمىدا ئوتتا كۆيدۈرۈلگەننىڭ ئىزى بار بولۇپ، بۇ مەنزىرىدىن كىشىنىڭ تېنى شۈركىنىدىكەن. بۇ خەۋەر تارقالغان ھامان، مۇھىت ئاسراش زاتلىرىنىڭ گانگې دەرياسى مۇھىتىغا بولغان ئەنسىرىشىنى كۈچەيتكەن.

گانگې دەرياسى جەسەتلىرى

نۇرغۇن مۇھىت ئاسراش زاتلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن ھىندىستان مەملىكەتلىك يېشىل سوتىغا تەكلىپنامە سۇنغان. يېشىل سوت 18-چېسلا ھىندىستان سۇ كۈچى بايلىقى تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراش تارمىقىدىن ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىپ، گانگې دەرياسىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىگە نىسبەتەن تۈزۈك چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئادۋوكاتلار ۋەكىلى بىن سەرۋەر تاراتقۇلارغا: «سوت، داۋاملىق ئەدەپ كېتىۋاتقان گانگې دەرياسىنىڭ جەسەتلەر بىلەن بۇلغىنىش ئەھۋالى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، مەركىزىي ھۆكۈمەت چوقۇم تەدبىر قوللىنىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ» دېدى. ئۇ يەنە ھۆكۈمەتتىن «چوقۇم بۇ ئاينىڭ 27- كۈنىدىن بۇرۇن جاۋاب بېرىشى» نى تەلەپ قىلغان.
ئۇزۇنلۇقى 2500 كىلومېتىر كېلىدىغان گانگې دەرياسى ھىندىستاننىڭ 400 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپلا قالماستىن، تېخى ھىندى دىنى مۇرىتلىرى نەزىرىدە مۇقەددەس دەريا ھېسابلىنىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ دەريانى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلىرى دۇنيا بويىچە بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر دەريا دەپ ئاتىغان. ھەر يىلى زور مىقداردا سانائەت كېرەكسىز سۇلىرى ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئېقىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە «دەرياغا دەپنە قىلىش» ئادىتى بار بولۇپ، بۇنى باشقۇرغىلى بولمايدىكەن. بىن سەرۋەر، گانگې دەرياسىدا ھەر يىلى  3000دەك جەسەت لەيلەپ چىقىدۇ، بۇ ئىككى قىرغاقتىكى ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، دېدى.
ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: گانگې دەرياسىدا لەيلەپ قالغان جەسەتلەر بولسا نامرات ئائىلىلەرنىڭ مېيىتلىرىدۇر، بۇ ئائىلىلەر ئۆز ئەزالىرى ئۈچۈن ئوتتا دەپنە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئىقتىسادى يار بەرمىگەچكە مۇنداقلا كۆيدۈرۈپ دەرياغا تاشلىۋېتىدۇ. «مۇنبەر گېزىتى» نىڭ دېيىشىچە، گانگې دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەش ئىشىدا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى پەقەت «قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرغان». بۇ گېزىتتە يەنە، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى گانگې دەرياسىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىنى تۈزەيمىز، دەپ ۋەدە بەرگەن، دېيىلگەن.
گېنرال رام چاندار ساھۇ «بۇ جەسەتلەرنىڭ سۇدا لەيلەپ يۈرۈشىگە ئۇزۇن بولغاندەك تۇرىدۇ» دېدى.

يۇقىرى ساقچى ئەمەلدارى سادىش گانىش، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش رايونىغا يېقىن بولۇپ، بۇ سۇدا لەيلەپ قالغان جەسەتلەر بەلكىم شۇ ئۆستەڭنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش رايونىدا سۇغا تاشلىۋېتىلىپ، سۈيى تېيىز يەرگە قاپسىلىپ قالغان، دېدى.

ئەمەلدارلار بۇنى جىنايەتكە چېتىشلىق دەپ قارىمايدىكەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە جەسەتلەرنى دەرياغا دەپنە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىسىمۇ، لېكىن ھىندىستاندىكى بەزى جايلارنىڭ ئادىتى بويىچە توي قىلمىغان قىز ئۆلسە كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلماي سۇغا دەپنە قىلىنىدىكەن. بۇندىن باشقا، يەنە ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن نامرات ئاھالىلىرى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشقا ئىقتىسادى يار بەرمىگەچكە  سۇغا دەپنە قىلىشنى تاللايدىكەن.
بىر جايدا بۇنداق جىق جەسەتلەرنىڭ بايقىلىشى بىر قىسىم زاتلارنىڭ مۇھىت ۋە سالامەتلىككە بولغان ئەندىشىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
گانگې دەرياسىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان بىر پايدا ئالمايدىغان تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى مالىك بانوت، گانگې دەرياسىنىڭ سۇ توسمىسى قۇرۇلىشى تۈپەيلىدىن، جەسەتلارنى ئېقىتىپ كېتىدىغانغا ياكى پارچىلىنىشىغا ياردەم بېرىدىغان يېتەرلىك سۇ ئېقىنى يوق، دېدى.

گانگې دەرياسىدا لەيلەپ قالغان جەسەتلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتى
كۆزەتكۈچى تورىنىڭ بايامقى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2014-يىلى 5-ئايدا، مودى گانگې دەريا ساھىلىدىكى ۋاراناسى شەھىرىدە پائالىيەتكە قاتناشقاندا گانگې دەرياسىغا قارىتا چوڭ تازىلاش ئېلىپ بارىمىز، دېدى.
گانگې دەرياسى نەچچە مىليونلىغان ھىندى دىنى مۇرىتلىرى تەرىپىدىن مۇقەددەس دەريا دەپ قارىلىدۇ، ئەمما شۇنچە يىللاردىن بېرى سەل قارىلىپ كەلگەچكە دەريا سۈيى ئەخلەتلەر ۋە كېرەكسىز نەرسىلەر بىلەن بۇلغىنىپ كەتكەن.

قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭلى مودى شىمالىي شتات ۋاراناسى ( Varanasi ) شەھەر ئاھالىلىرىدىن ئۇلارنىڭ گانگې دەرياسىنى بۇرۇنقى پارلاق ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئىشىغا ياردەملىشىشىنى ئۆتۈنۈپ، پاكىزلىقنى ساقلاش بولسا بۇ شەھەرنى  ۋە گانگې دەرياسىنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئۇسۇلى، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇ دەريا بويىدا پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىپ، ھىندىستان خەلق پارتىيەسىگە تەۋە پارلامېنت سايلىمىدا نەتىجە قازانغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق دۇئاسى قىلغان، ھەمدە قوللىغۇچىلىرىغا  گانگې دەرياسىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى كۆرگەندە قاتتىق ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا نەچچە يۈزلىگەن قوللىغۇچىلىرى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇزۇنلۇقى 2500 كىلومېتىر كېلىدىغان گانگې دەرياسى سانائەت كېرەكسىز ماتېرىياللىرى ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىشىغا ئۇچرىغان. مۇھىت ئاسرىغۇچى زاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھىندىستاننىڭ 400 مىليون نوپۇسى  گانگې دەرياسى سۈيىگە تايىنىدىكەن. ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا بىر نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ بۇلغانمىلارنى تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانغان بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىغان. ناۋادا بۇلغىنىش تىزگىنلەنمىسە، گانگې دەرياسىنىڭ بويىدىكى مەھەللىلەردە ھايات كەچۈرگىلى بولمايدىكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号