باش بەت

نەبىجان

3221يوللانما
0مەستانە

بەرەسكە گىرىپتار بولغان ئەر ئۆزىنى قايتىدىن قوبۇل قىلىپ ھاياتىنى يېڭىدىن باشلىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-03-06 23:27 0 ئىنكاس چۈشتى

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە لوندون شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ۋېرنون (DariusVernon) مۇسكۇل دېسە مۇسكۇل، چىراي دېسە چىرايى ھېچكىمدىن قېلىشمىغۇدەك بىر يىگىت. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، بۇنىڭغا ئوخشاش يىگىتلەرنىڭ قىز دوست تاپمىقى ئۇنچە تەس ئەمەس. ئەمما ئۇ بەرەسكە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىن بېرى 14 يىلغىچە بويتاق ئۆتكەن.

مومىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن 12 ياشلىق ۋېرنون قولىدا بىنەپشە رەڭلىك دانچىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ بۇ ئالامەتلەرمۇ كۆرۈنەرلىك كېڭىيىشكە باشلىغان. ئۇنىڭ يۈزى، بەدىنى ۋە بىلەكلىرىدە ئاق داغ پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ئۇ :«مەن قورققىنىمدىن ئانامنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالدىم، چۈنكى بەرەس دېگەن بۇ كېسەل ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىدى» دېدى.

ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تۇنجى قېتىم مۇھەببەتلەشكەن. گەرچە ئۇلار ئىككى يىلدىن كېيىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ قىز دوستىنىڭ ئاق داغ چۈشكەن ئىككى قولىنى سۆيگەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىغانىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ تا ھازىرغىچە بويتاق يۈرگەن.

ئىككى يىل بۇرۇن ۋېرنون Instagram دا ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى چىقارغان. رەسىمدە ئۇ ئاق داغ چۈشۈپ قالغان يەرلىرىنى ئوچۇق ئاشكارە تورغا چىقارغانىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مودېللىق ھاياتىنى باشلىغان. ھازىر ئۇ ھەرخىل تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنى بەرەسكە كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇراجىئەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كىشىلەرگە گۈزەللىكنىڭ ئۆلچىمى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号