باش بەت

mahliya

1398يوللانما
1مەستانە

چاغاندىن بۇرۇن بۇزۇلۇپ قېلىپ ئىشلىتىلمىگەن لىفىت ئىچىدىن بىر ئايالنىڭ جەسىتى بايقالدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-03-10 12:32 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 5 – مارت خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 4- مارت ئىگىلىشىچە، شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى گاۋلىڭ رايونى شۈيشيې خۇادۇ مەھەللىسىدىكى بىر لىفىتنىڭ ئىچىدە 1 – مارت بىر ئايالنىڭ جەسىتى بايقالغان. بۇ لىفىت چاغاندىن بۇرۇن بۇزۇلۇپ قالغانلىقتىن ئىشلىتىشتىن توختىتىلغانىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆلگۈچى 38 ياش بولۇپ، 12 – نومۇرلۇق بىنانىڭ 15 – قەۋىتىدە يالغۇز تۇرىدىغان ئازراق روھىي كېسىلى بار ئايال ئىكەن. ئۇنىڭ قوشنىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بەزىدە ياش قىزلاغا ھۇجۇم  قىلىدىكەن، خېلى بۇرۇنلا ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنى يوقلاپ كەلمەيدىكەن. لېكىن ئۇنىڭ لىفىت ئىچىدە ئۆلۈپ قىلىشىنى ئويلىمىغانىكەن. خوجىلىق بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىگىدارلارنىڭ 30 – يانۋار لىفىتنى رېمونت قىلىش توغرىسىدىكى ئىنكاسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئادەم ئەۋەتىپ لىفىتنى تەكشۈرگەن ۋە لېفىت ساندۇقىنى ئۇرغاندىمۇ ھېچقانداق غەيرىلىك ياكى بىرەر ئاۋازنى ئاڭلىمىغان. لىفىت ئىچىدىكى سىم ئارغامچىنى مەخسۇس خادىم ئوڭشايدىغان بولغاچقا، مەخسۇس رەسمىيەت بېجىرىش كېرەككەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاغان يېقىنلىشىپ قالغاچقا، رېمونت قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان. ئۇلار  1 – مارت لىفىتنى تەكشۈرۈش ۋە رېمونت قىلىش جەريانىدا لىفىت ئىچىدە بىر ئايالنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ساقچىلار ۋە بىخەتەرلىك نازارەتچىلىكى تارماقلىرى ھازىر تەكشۈرۈشنى باشلاپتۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号