باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2811يوللانما
8مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مايمۇن CD دېسكىسىدەك كىچىك قوشكېزەك تۇغدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-03-12 18:53 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 12-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، پەتەك مارموزېت مايمۇنى (Jurassic marmoset ) دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مايمۇن، ئۇ يەنە دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك پېرىمات تۈرىدىكى ھايۋان. يېقىندا ئاۋستىرالىيە يېڭى جەنۇبى ۋالېس (New South Wales) شىتاتى خېلېنسىبۇرگ سىيىمبىيو ۋىلىدلىفې ھايۋاناتلار باغچىسى (Helensburgh Symbio Wildlife Park) دىكى بىر پەتەك ماموزېت مايمۇنى ئېغىرلىقى ئاران 15 گىرام كېلىدىغان قوشكېزەك مايمۇن تۇغدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، گەرچە يېڭى تۇغۇلغان قوشكىزەك پەتەك ماموزېت مايمۇنلىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئاران 15 گىرام، چوڭ-كىچىكلىكى ئاران بىر دانە CD دېسكىسىچىلىك چوڭلۇقتا بولسىمۇ، بىراق ھايۋانات باغچىسى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئانا پەتەك ماموزېت مايمۇنىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ خۇددى ئىنسانلارنىڭ 10 ياشلىق بالىدىن بىرنى تۇغقانلىقىغا باراۋەر كېلىدىكەن. يەنى ئېنىقىنى قىلغاندا، قۇرامىغا يەتكەن بىر پەتەك ماموزېت مايمۇننىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى ئاران 100 گىرام كېلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر جۈپ قوشكېزەك پەتەك ماموزېت مايمۇنىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمى گومېز (Gomez) ۋە ئىتى (Iti) بولۇپ، ئۇلار 2015-يىلى جۈپلەشكەن، ئەينى ۋاقىتتا ھايۋانات باغچىسى خادىملىرى ئىتىنى تېپىپ كېلىپ، گومېزنىڭ بويتاقلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇران. ئىتى يېڭى زىللاندىيە ئوكلەند ھايۋاناتلار باغچىسى (Auckland Zoo) دىن كەلگەن ئىكەن. ھايۋاناتلار باغچىسى خادىملىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ بىر جۈپ «ئەر-خوتۇن» بىر كۆرۈشۈپلا ئۆز-ئارا بىر قەدەممۇ ئايرىلىشقا چىدىمايدىغان بىر جۈپلەردىن بولۇپ قالغان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号