باش بەت

خالمۇرات بەكرى

135يوللانما
0مەستانە

ياۋروپا-روسىيە مارس ھاياتلىق تەكشۈرگۈچىسى بۈگۈن قويۇپ بېرىلىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-03-14 14:09 0 ئىنكاس چۈشتى

 

    ياۋروپا ۋە روسىيە 14-چېسلا رەسمىي ھالدا «مارس ئالەم ھاياتلىقى» ناملىق ھەمكارلىشىش تۈرىنى قوزغىتىدىغان بولۇپ، بىر دانە ئوربېتا ئۇچقۇسىنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق مارستىكى قەدىمكى ياكى ھازىرقى ھاياتلىقنىڭ ئىزناسىنى تەكشۈرىدىكەن. ئوربېتا ئۇچقۇسى مارس ئاتموسفراسىدىن مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مېتان ۋە باشقا گازلارغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

     يەر شارى ۋە مارسنىڭ ھەركەتلىنىش ئوربېتىسى سەۋەبلىك بۇ يىل 3-ئايدا بىر قېتىم كۆزنەك مەزگىل بولۇپ مارسنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت ياراتقان، بۇ كۆزنەك مەزگىلدىن پايدىلىنىپ ياۋروپا ۋە روسىيە بىرلىشىپ ياسىغان «گازلازنى ئىز قوغلاش ئوربېتا ئۇچقۇسى» 14-چېسلا قازاقىستاندىكى بايكونۇر قويۇپ بېرىش مەيدانىدا قويۇپ بېرىلىدۇ.

     بۇ ئوربېتا ئۇچقۇسىغا يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكىلىنىلەر تولۇق سەپلەنگەن بولۇپ مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل 10-ئاينىڭ 19-كۈنى مارسقا يېتىپ بارىدۇ، ئۇچۇش مۇساپىسى 496 مىليون كېلومېتىر كېلىدۇ. ئاساسلىق ۋەزىپىسى بۇ قىزىل رەڭلىك پىلانىتنى سۈرەتكە تارتىش ۋە ئاتموسفرانىڭ تەركىبىنى ئانالىز قىلىش بولىدۇ.

     ياۋروپا ئالەم ئىدارىسى 11-چېسلا تور بېكەتتە :«بىزنىڭ <مارس ئالەم ھاياتلىقى 2016> تۈرىمىز قويۇپ بېرىش سۇپىسىدا» دېگەنىدى.

     ياۋروپا ئالەم ئىدارىسى ۋە روسىيە فىدراتسىيە ئالەم قاتنىشى مەھكىسىنىڭ ھەمكارلىشىش تۈرى بولغان «مارس ئالەم ھاياتلىقى» تۈرى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەن بولۇپ ئوربېتا ئۇچقۇسىنى قۇيۇپ بېرىش بىرىنچى باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ.

     بۇ تۈرنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى بولسا 2018 قويۇپ بېرىلىدىغان مارس قونغۇسى بولۇپ 2019-يىلى مارسقا قونىدۇ ھەمدە بۇ پىلانىتنىڭ يۈزىدە ئورگانىك ماددىلارنى ئىزدەيدۇ ۋە ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ ئانالىز قىلالايدۇ. لېكىن مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئىككىنچى باسقۇچ ئىككى يىل كېچىكتۈرىلىشى مۇمكىن.

    ياۋروپا ئالەم ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا بۇ تۈرنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئەسلى ۋاقىت بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەمدە «مارسدا ھاياتلىق بار-يوقلىقىنى جەزملەشتۈرۈش» دە ئەھمىيى زور.

     «مارس ئالەم ھاياتلىقى» تۈرىنىڭ ئالىمى جورجى ۋارگو نىڭ چۈشەندۈرىچە «گازلازنى ئىز قوغلاش ئوربېتا ئۇچقۇسى» خۇددى «ئالەمدىكى چوڭ بۇرۇن» غا ئوخشاش مارس ئاتموسفېراسىنى تەكشۈرىدۇ، ئەڭ ھالقىلىق ۋەزىپىسى بولسا مارس ئاتموسفراسىدىكى مېتاننى تەكشۈرۈپ، كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاش.

     مېتان بىر دانە كاربون ئاتومى ۋە تۆت دانە ھېدروگېن ئاتومىدىن تۈزۈلىدىغان بولۇپ يەرشارىدىكى تەبىئىي گازنىڭ ئاساسلىق تەركىبى. ئاسمان جىسمى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ مېتانغا قىزىقىشىدىكى سەۋەب يەرشارىدىكى جانلىقلار ئوزۇقلۇق ھەزىم قىلغاندا كۆپ مىقداردا مېتان قويۇپ بېرىدۇ، لېكىن بەزى گېئولوگىيىلىك جەريانلارمۇ ئوخشاشلا مېتان قويۇپ بېرىدۇ.

     بۇندىن بۇرۇن «قىزىقىش» ناملىق مارس ئاپتوموبىلى كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان مېتان ۋە باشقا ئورگانىك مولىكولالىنى بايقىغان، بۇ ھادىسە ئىپتىدائى ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ئىزناسى دەپ قارالغان. لېكىن ئالىملار بۇ مارسدا قەدىمدە مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ، مېتاننىڭ كېلىش مەنبەسى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ سوقۇلىشىدىن ياكى ئالەمدىكى چاڭ توزانلارنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇردا چىرىشىدىن، سۇ ۋە تاشلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشىدىن بولىشىمۇ مۇمكىن دەپ قارىدى.

     ھاياتلىقنىڭ ئىزناسىنى تەكشۈرۈشتىن باشقا ياۋروپا-روسىيە بىرلىكتە قويۇپ بېرىدىغان ئوربېتا ئۇچقۇسى يەنە «سىكىئاپرېلى» ناملىق قونغۇنى بىللە ئېلىپ ماڭىدىغان بولۇپ، قونۇش تېخنىكىسىنى سىناق قىلىدۇ، سىكىئاپرېلى 19 ئەسىردىكى ئىتالىيىلىك ئاستىرنوم بولۇپ مارس يۈزىدىكى ئەگرى-بۈگرى «قانال»لارنى بايقىغان ھەمدە بۇ سەۋەبلىك كىشىلەر بىر مەزگىل مارسدا ئەقىللىق ھاياتلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان.

     ياۋروپا ئالەم ئىدارىسى «سىكىئاپرېلى» ناملىق قونغۇ ئارقىلىق مارسقا قونۇشتىكى ھەل قىلغۇچ تېخنىكىلارنى سىناق قىلىپ كېيىنكى قونۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ ھەمدە بۇ قونغۇ مارىس يۈزىدە ئاتموسفرادىكى توزان دانىچىلىرى ۋە شامال سۈرئىتى ۋە ھاۋا تېمپۇراتورىسىغا ئۆلچەش ئېلىپ بارىدۇ.

     «مارس ئالەم ھاياتلىقى» تۈرى ئىنسانلارنىڭ مارسدا تۇنجى قېتىم ھاياتلىق ئىزدىشى ئەمەس. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بۇلتۇر 9-ئاينىڭ 28-كۈنى مارسدا سۇيۇق ھالەتتىكى سۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ئىسپاتىنى بايقىغانلىقى ئېلان قىلىپ بۇ قىزىل رەڭلىك پىلانىتتا ھاياتلىقنى ئىزدەش ئۈچۈن يېڭى يىپ ئۇچى تەمىنلىدى.

     ياۋروپا ئالەم ئىدارىسى :«بۇ پىلانىتتا ئىلگىرى ھاياتلىق مەۋجۇت بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئىلىم-پەندىكى قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ھەمدە <مارس ئالەم ھاياتلىقى> تۈرىنىڭ يادرولۇق قىسمى» دېدى. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号