باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2736يوللانما
3مەستانە

دۇنياغا داڭلىق ئاشلىق زاۋۇتى خادىملىرىنىڭ ئاشلىق خالتىسىغا سىيىپ قويىدىغانلىقى ئاشكارلاندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-03-16 19:30 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 16-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كېللوگ (Kellogg) (دۇنياغا داڭلىق باشاقلىق زىرائەت يېمەكلىكى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى) نىڭ زاۋۇت خادىملىرى ئىشلەپچىقىرىشنى يەتكۈزۈش خالتىسىغا سىيىپ قويغانلىقى يېقىندا ئاشكارىلىنىپ كەتتى، بىراق بۇ ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئىككى يىل بولغان ئىدى، شۇڭلاشقا ھازىرغا قەدەر زادى قانچىلىك بۇلغانغان يېمەكلىكنىڭ خەلقئارا بازارغا ئېقىپ كىرگەنلىكىنى ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ.

شىياڭگاڭ «نۇر گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 15-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا خەۋەر-ئاخبارات تور بېكىتى WorldStarHipHop شۇ جاي ۋاقتى 11-چېسلا يانفۇن ئارقىلىق سىنغا ئېلىنغان، ئۇزۇنلىقى 43 سىكۇنت بولغان بىر سىن ماتېرىيالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سىن ماتېرىيالىدىن ئايان بولىشىچە، كېللوگ شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئىچىدە خادىملار قەستەنلىك بىلەن توشۇش خالتىسىغا سىيىپ قويغان، بۇ سىن ماتېرىيالى ناھايىتى ئېنىق ھالدا ئۈسكىنىلەر ئۈستىدىكى كېللوگ ماركىسىنى ئېنىق تارتىۋالغان. كېللوگ شىركىتى باياناتچىسى بۇ ئىشنى سىن ماتېرىيالى ئاشكارلانغاندىن كېيىن ئاندىن بىلگەنلىكىنى، بۇ ئىشقا يېقىندىن يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە ئۆز شىركىتىدە شۇنداق ئەھۋالنىڭ ساقلانغانلىقىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كېللوگ توشۇش خالتىسىغا سىيىپ قويۇش ئىشىنىڭ 2014-يىلى تېننېسسې شىتاتى (Tennessee) مېمفىس (Memphis) زاۋۇتىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، بىراق بۇ ئىشقا چېتىشلىق خادىمنىڭ سالاھىتى تېخى ئېنىقلانمىغانلىقىنى جاكارلىدى. شىركەت ئىچكى قىسىمدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن باشقا، يەنە ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلغان. باياناتچى يەنە بۇلغانغان بولۇش ئىھتىمالى بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسلىقى ئەسلى تەم گۈرۈچ مەھسۇلاتلىرى بولۇشى مۇمكىن، بىراق ھازىر بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، دېدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، سىن ماتېرىيالى بەلكىم كېللوگ شىركىتى بىلەن خادىملار ئارىسىدا مۇئاش-تەمىناتى توغرىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بەرگەندە تارتىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. 2013-يىلى 10-ئايدا مەزكۇر شىركەت ئۆز خادىملىرى بىلەن توختام ماجراسى كېلىپ چىققان، شىركەت تەرەپ يول قويۇشنى خالىمىغان، ھەتتا خادىملارنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىماسلىققا رازى بولماي، زاۋۇتنى تاقىماقچىمۇ بولغان. شۇنىڭ بىلەن 225 نەپەر خادىم 10 ئايغا يېقىن ئىش تاشلىغان. شىركەت تەرەپ ئىش تاشلىغان خادىملارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى، يېڭىدىن خفدىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش بەكلا كەسكىنلىشىپ كەتكەن ئىدى.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号