باش بەت

قىسمەت

666يوللانما
2مەستانە

يېزىلاردىكى دېھقان گادايلارنىڭ تەنھالىق تۇرمۇشى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-03-18 18:17 0 ئىنكاس چۈشتى


شەرقىي قىسىم رايوندىكى بىر تاغلىق كەنتتە 400 دىن ئارتۇق نوپۇس بار. 2013-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ كەنتتە 12 نەپەر بويتاق ئەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مىجەز جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى، نامراتلىق ۋە جىسمانىي جەھەتتىن كەمتۈك بولۇشتەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆيلىنىپ بالىلىق بولالمىغان. گەرچە ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ياشانغاندىكى تەنھالىق ۋە غېرىپسىنىشتىن ئىبارەت بۇ يۈكتىن تېخىچە قۇتۇلغىنى يوق. 

خۇ ليەنكاڭ، 1947-يىلى تۇغۇلغان، ئاتىسىدىن ئايرىلغىلى 40 يىلدىن ئاشتى، ئانىسىمۇ قازا قىلغىلى 10 يىلدىن  ئېشىپ كەتتى، ئىككى سىڭلىسى تېخىچە ياتلىق بولغىنى يوق. دادىسى بۇرۇنلا كېتىپ قالغانلىقتىن، پۈتكۈل ئائىلە بىر تۈۋرۈكتىن ئايرىلىپ قالدى، يالغۇز ئانا ئىككى قۇرامىغا يەتمىگەن قىزچاقنى بېقىشى كېرەك، شۇڭلاشقا ئائىلە

شارائىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن، شۇنداقلا ئىشىكنى سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئاشلىق قىسلىقى تۈپەيلىدىن، خۇ ليەنكاڭ ھازىرغىچە ئۆيلىنەلمىدى.


بىر يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى چۈشتىن كېيىن، خۇ ليەنكاڭ سۇلياۋ بىلەن تامدىكى يوچۇقلارنى ئېتىپ، يامغۇر سۈيىنىڭ ئۆيگە كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا. شۇنداق، نامراتلىق يەنىلا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۆيلىنەلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالماقتا. 



خۇ ليەنكاڭ ئۆيىدە يالغۇز تېلېۋىزور كۆرمەكتە. 



خۇ يۈنخو، 1952-يىلى تۇغۇلغان، ياش ۋاقتىدىلا ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن. بالىلىق ۋاقتىدا قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ

قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆزى تۇغما ئالغاي بولغاچقا، ھېچقانداق ئايال ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشنى خالىمىغان. ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا قاراش ئۈچۈن، كەنتتىكىلەر كەنت ئىچى تازلىقىنى ئۇنىڭغا ھۆددىگە بەرگەن، ھەر كۈنى 27 يۈەن ئىش ھەققى

ئالالايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بويىچە ھەر ئايدا 100 يۈەن تۇرمۇش ياردىمى ئالىدۇ، شۇنىڭ 

ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسى ھەل بولدى. 


خۇ يۈنخو كىچىكىدە مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ، خەتنى ئىنتايىن چىرايلىق يازىدۇ. ھەر ھالدا كەنتتىكى مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا ئۇ مېيىپلىق كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىپ، ئاڭلاشقا ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىسى ئېلىپ، تۇرمۇشى بىر ئاز ياخشى بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. 


ئۇ ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى ئۆزى يۇيۇپ كىيىدۇ. 


خۇ چاڭگۇاڭ، 1970-يىلى تۇغۇلغان، ئەقلىي ئىقتىدارى، سۆزلەش قابىلىيىتى جەھەتتە نورمال ئادەملەردىن پەرقلىنىدۇ.

شۇڭلاشقا، ئىزچىل لايىق تاپالماي يۈرمەكتە. ھازىر بولسا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. 


ئايالى يوق خۇ چاڭگۇاڭ، كىيىملىرى ھەر قانچە مەينەت بولۇپ كەتسىمۇ، يۇيۇشقا ئېرىنىدۇ.


خۇ يوڭلياڭ، 1965-يىلى تۇغۇلغان، 15 ياش ۋاقتىدا ئانىسى قازا قىلغان، 30 ياش ۋاقتىدا دادىسى قازا قىلغان،

ھازىرغىچە ئۆيلەنمىگەن. مىجەزى بەك جىمغۇر بولغاچقا، شۇنداقلا ھۈنىرىمۇ يوق بولغاچقا، پۈتۈن ئۆمرىدە دېھقانچىلىق قىلىپلا ئۆتكەن. ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە كېسەلچان بولۇپ، يار-يۆلەكسىز قالغان. ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى پاراۋا

نلىق ئورگانلىرىغا كىرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما يېشى توشمىغانلىقتىن، بۇ ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن. 


ئادەتتە بەك ئىقتىسادچىل بولغاچقا، بىر موچەننى بىر يۈەندەك خەجلەيدۇ. 



خۇ يەنشىڭ، 1952-يىلى تۇغۇلغان، ياش ۋاقتىدا ئائىلىسى نامرات، ئۆزى بەك ياۋاش بولغاچقا، ھېچقانداق ھۈنەر 

ئۆگەنمىگەن. ھېچكىم ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، شۇڭلاشقا ھازىرغىچە بويتاق ئۆتۈۋاتىدۇ. 




1999-يىلى خۇ يەنشىڭ بەل ئومۇرتقا سۆڭىكى چىقىپ قالغانلىقتىن، بىر قېتىم ئوپراتسىيە قىلدۇرغان. 2008-يىلى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، 15000 يۈەندىن ئارتۇق داۋالىنىش خىراجىتى سەرپ قىلغان. ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە 100 يۈەندىن كۆپرەك تۆۋەن تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرمەكتە. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号