ئاچچىقسۇ قويۇلغان سەيگە تېتىتقۇ سېلىشقا بولمايدۇ: بۇنداق بولغاندا سەينىڭ چۈچۈمەللىكى ئېشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئاچچىقسۇ قوشۇلغان سەي – قورداققا تېتىتقۇ سېلىشقا بولمايدۇ. چۇنكى تېتىتقۇ كىسلاتالىق مۇھىتتا ئاسانلىقچە ئېرىمەي، كىسلاتالىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئېرىشچانلىقى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ، تەمى ناچارلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا شېكەر – ئاچچىقسۇ گۆش قورۇمىسى، ئاچچىقسۇ قوشۇلغان يېسىۋېلەك قورۇمىسى قاتارلىق چۈچۈمەللىكى كۈچلۈك بولغان سەي – قورداقلاغا تېتىتقۇ قوشۇشقا بولمايدۇ.
سوغۇق سەيلەرگە تېتىتقۇ قوشۇشقا بولمايدۇ: تېتىتقۇ 80℃—100℃ لىق تېمپىراتۇرىدا ئاندىن تەم ياخشىلاش رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. سوغۇق سەيلەرنىڭ تېمپىراتۇرىسى نىسبەتەن تۆۋەن، تېتىتقۇ تەستە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، ھەتتا بىۋاستە خام سەيگە چاپلىشىۋالسا، تەمى بولمايلا قالماستىن، كەيپىياتنى ئۇچۇرىدۇ. ئەگەر سوغۇق سەيگە تېتىتقۇنى زادى قويمىسا بولمىسا، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا تېتىتقۇنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېرىتكەندىن كېيىن، ئاندىن سوغۇق سەيگە ئارىلاشتۇرۇش كېرەك.
تېتىتقۇنى تۇزلۇق سەيگە ئىشلىتىپ، تاتلىق سەيگە ئىشلەتمەسلىك: مۇۋاپىق ناترىي قۇيۇقلۇقى ئاستىدا، تېتىتقۇنىڭ يېڭىچە تەم كىرگۈزۈش رولى گەۋدىلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا، تېتىتقۇنى تۇزلۇق سەي – قورداققا ئىشلەتسە تەمنى ياخشىلايدۇ. لېكىن، ئەگەر تاتلىق تەمدىكى سەيگە تېتىتقۇ قويغاندا، تەمىنى ياخشىلىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تاتلىق تەمنى تۆۋەنلىتىپ، بىر خىل غەلىتە تەم پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
قىيمىغا تېتىتقۇ قويۇشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ: نۇرغۇن كىشىلەر جۇۋاۋا قىيمىسىنى تەڭشىگەندە، ئازراق تېتىتقۇ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلىش بىخەتەر ئەمەس. تېتىتقۇ قىيمىغا ئارىلاشقاندىن كېيىن، دۈملەش، پىشۇرۇش، قورۇش قاتارلىق بىر قاتار يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بىراق، تېمپىراتۇرا 100℃تىن ئېشىپ كەتسە، تېتىتقۇنىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگۈرۈش بولىدۇ، تەم ياخشىلاش رولىنى يوقىتىپلا قالماستىن، زەھەرلىك بولغان ناترىي گلوتامان ھاسىل قىلىپ، ئادەملەرنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. قىيمىغا ئىشلىتىشكە بولماسلىقتىن تاشقىرى، قىززىق سەيلەرنى قىلغاندا، قازاننى ئوتتىن ئايرىغاندا ئاندىن تېتىتقۇ قويۇش كېرەك.
گۆش قورۇمىلىرىغا تېتىتقۇ قويۇشقا بولمايدۇ: گۆشنىڭ تەركىبىدە ئەسلىدىلا گلۇتامىن كىسلاتاسى بولۇپ، سەي – كۆكتاتلار تەركىبىدىكى تۇز بىلەن بىللە قىزدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆزلىكىدىنلا تېتىتقۇنىڭ ئاساسىي تەركىبى ـــــ ناترىي گلۇتامات ھاسىل بولىدۇ. گۆش تۈرىدىكىلەرگە ئىشلىتىشكە بولمايلا قالماستىن، باشقا يېڭىچە تەمدىكى يېمەكلىكلەرگىمۇ تېتىتقۇ ئارىلاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، مەسىلەن: تۇخۇم، موگۇ، قاپاق ھۇررىكى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار.
ـــ ماتېرىيالدىن (ئالىمجان نەسىردىن تەرجىمىسى)
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى