باش بەت

قىسمەت

668يوللانما
2مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئىسكىرىپكا

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-03-23 14:31 0 ئىنكاس چۈشتى

كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر بالىلارنىڭ تۇغما تالانتىنى يېتىلدۈرۈشكە تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى شەھەرلەردىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ھەر خىل شەكىلدىكى تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا ئاپىرىپ، بالىلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ دەسمايە سېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئېلېكترونلۇق رويال، ئىسكىرىپكا، گىتتار ئۆگىنىش سىنىپى دېگەندەك.....


ئىسكىرىپكا تۆت تارىلىق چالغۇ بولۇپ، ھازىرقى زامانىۋى ئوكېستىرلاردىكى كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇنداق بولسا، بۈگۈن بىز كۆپچىلىككە دۇنيادىكى «ئەڭ» لەرنىڭ بىرى بولغان، دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئىسكىرىپكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. 

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئىسكىرىپكا ئەنگلىيىلىك قول ھۈنەر سەنئەت ئۇستىسى بولغان ئېدۋاردىسنىڭ قولىدىغان چىققان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 3.81 سانتىمېتىر كېلىدۇ، بۇ ئىسكىرىپكىنىڭ مىكرو نۇسخىسى بولسىمۇ، ئەمما باھاسى ھەرگىزمۇ ئەرزان ئەمەس، بەلكى 1000 فوندستىرلىڭدىن ئاشىدۇ. 


ئېدۋاردىس ئەسلىدە كەسپىي مۇزىكانت بولۇپ، ئىلگىرى شوتلاندىيە دۆلەتلىك ئوكېستىر ئۆمىكىدە مۇلازىمەت قىلغان، كېيىن قول ھۈنەر سەنئىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ماھىر ئۇستازغا ئايلانغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ قولىدىن چىققان قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ سانى يۈزدىن ئېشىپ كەتكەن. 

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىچىك تىپتىكى ئىسكىرىپكا گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ھەممە قىسىملىرى تولۇق بولۇپ. پەقەتلا ھەجىمى كىچىك بولغاندىن باشقا، ئادەتتىكى ئىسكىرىپكا بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号