باش بەت

ئەييۇب

788يوللانما
0مەستانە

قارا بوران «كەيتيې» نىڭ تەسىرىدە، ئەنگىلىيەنىڭ قاتنىشى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-03-29 22:47 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 28-مارت تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ئېنگلاندنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى يېقىندا قارا بوران «كەيتيې» تەسىرىدە، شۇ جايدىكى نۇرغۇن نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىغان، ھەمدە كەڭ كۆلەمدە توك توختىغان.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، قارا بوران «كەيتيې» شۇ يەر ۋاقتى 27-مارت كېچىدىن باشلاپ ئەنگىلىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا تەسىر قىلغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى شامال سۈرئىتى سائىتىگە 170 كىلومېتىرغا يەتكەن بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىغان، نەچچە ئون مىڭ ئائىلىدە توك توختاپ قالغان. بوران ئەڭ كۈچلۈك بولغاندا، 80 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىدە توك توختىغان بولۇپ، نۆۋەتتە يەنە نەچچە مىڭ ئادەم توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.

لوندوننىڭ گاتۋىك ۋە خەلسروۋ ئايرودورومىغا كەلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلار نائىلاج باشقا ئايرودورومغا قونغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نەچچە ئون نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئېنگلاند رايونىدىكى پويىزلارمۇ ئېغىر دەرىجىدە كېچىككەن، نۇرغۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى كۆۋرۈكلەر نائىلاج تاقالغان بولۇپ، تاشيولدا كەڭ كۆلەمدە قاتناش قىستاڭچىلىقى كېلىپ چىققان.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش تارماقلىرى، يولۇچىلارنى ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن، ھاۋارايى ۋە يول ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشىنى، بولۇپمۇ موتسىكلىت، ساياھەت ئاپتوموبىلى قاتارلىق بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بەكرەك دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قارا بوران ئېلىپ كەلگەن يامغۇرنىڭ تەسىرىدە، يەنە نۇرغۇن ئېقىنلاردىكى سۇ ئورنى تېز ئۆرلىگەن، ئەنگىلىيە مۇھىت مەھكىمىسى29 تۈرلۈك كەلكۈن سىگنالى تارقاتقان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号