باش بەت

mahliya

1399يوللانما
1مەستانە

ئاپتول ئالماشتۇرۇش ساۋاتلىرى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-04-05 14:21 0 ئىنكاس چۈشتى

بەلگىلىك ئاپتوموبىل ئاسراش بىلىملىرىنى ئىگىلەش ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ئاساسىي ماھارىتى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا شوپۇرلۇق ئىستاژىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئاپتوموبىلغا بولغان چۈشىنىشى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ، نۇرغۇن كىچىك مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ، تېز سۈرئەتتە ھەل قىلالايدۇ. 

 1. ئاپتول ئالماشتۇرۇش ساۋاتلىرى. ئاپتولنى قانچىلىك ۋاقىتتا ئالماشتۇرسا بولىدۇ؟ ھەر قېتىم قانچىلىك ئاپتول ئالماشتۇرسا بولىدۇ؟ ئاپتولنى ئالماشتۇرۇش دەۋرى ۋە مىقدارى كۆپچىلىك ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان مەسىلە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ئاپتوموبىل بىلەن قوشۇپ بەرگەن ئاسراش قوللانمىسىدا ناھايىتى ئېنىق تونۇشتۇرۇلغان. لېكىن، نۇرغۇن شوپۇر دوستلار ئاسراش قوللانمىسى تاپالمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا باشقىلاردىن كۆپرەك سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە ئاپتولنى ئالماشتۇرۇش دەۋرى 5000 كىلومېتىر بولىدۇ، كونكرېت ئالماشتۇرۇش دەۋرىيلىكى ۋە مىقدارى ئاپتوموبىل تىپىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. بارلىق ئاپتوموبىللارغا ئاپتول ئالماشتۇرۇشقا ئاپتوموبىل ئىگىسى ئۆزى ئالماشتۇرمايدۇ، لېكىن بىز ئاپتول ئۆلچەشنى ئۆگىنىۋالساق، ئالماشتۇرۇشقا تېگىشلىك ۋاقىت بولغان – بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايمىز. يەنە ئاپتول ئالماشتۇرغاندا چوقۇم ئاپتول سۈزگۈچىنى ئالماشتۇرۇش زۆرۈر.

2. توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش ساۋاتلىرى. توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقىنى پۈتۈن يىل ئىشلەتكەن ياخشى، ئاپتولنىڭ سوۋۇتۇش رولى بولۇشتىن سىرت، ئاپتولنىڭ يەنە پاكىزلاش، دات يوقىتىش، چىرىشتىن ساقلاش رولى بار، رادىياتورنىڭ چىرىشىنى ئازايتىپ، ماتۇرنى ئاسرايدۇ. توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ رەڭگىنى توغرا تاللاشقا دىققەت قىلىش، ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.

3. تورمۇز مېيىنى ئىشلىتىش ساۋاتلىرى. تورمۇز سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى تورمۇز مېيى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، تورمۇز ياپراقچىسى، تورموز دىسكىسى قاتارلىق قاتتىق ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ ئالماشتۇرغاندا تورمۇز مېيىنى ئالماشتۇرۇش ياكى ئالماشتۇرماسلىقنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.

4. خوتنىڭ مېيىنى ئىشلىتىش ساۋاتلىرى. ئاپتوموبىلنىڭ يۆنىلىش ئۆزگەرتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خوتنىڭ مېيىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. چىشلىق چاق مېيى بولسۇن ياكى ئاپتوماتىك خوت مېيى بولسۇن، ماينىڭ تىپىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئادەتتە ھەممىسى يۇقىرى تىپلىق بولسا ياخشى دەيدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号