باش بەت

ئادىل

5031يوللانما
1مەستانە

گۇگۇل تەتقىق قىلغان بانكا ئىدراكلىق سىستېمىسى خېرىدارنىڭ پۇلىنى ئوغرىلايدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-04-06 11:58 0 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا تېخنىكا تورى ScienceMag نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سىتەنفورد ئۇنۋېرسىتىتى ۋە گۇگۇل بىرلىشىپ تەتقىق قىلغان بىر خىل ئىدراكلىق سىستېما ئۆز مەيلىچە خېرىدار ھېساباتىدىكى پۇلنى ئېلىپ كېتىدۇ، بۇ بايقاش كىشىنى چۆچۈتىدۇ.

بۇ يىل سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار (AI) تەتقىقاتى مۇھىم بۆسۈشكە ئېرىشكەن بىر يىل. بىر قانچە يىل ئىلگىرى، گۇگۇل تەتقىق قىلغان ئىدراكلىق سىستېما دۇنيا قورشاۋ شاھمات چېمپىيونى لى سېدولنى مەغلۇپ قىلدى، بارلىق سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقاتچىلىرى ئىنتايىن ھاياجانلاندى. كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەر بۇ يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى كۈندىلىك تېخنىكا مەھسۇلاتىغا كىرىشكە باشلىدى، مەسلەن ئەقلىيفون ۋە ماشىنىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

ئەمما سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە، يېقىندا كىشىنى چۆچۈتىدىغان باشقا بىر ئىش يۈز بەردى. يېقىندا، ئامېرىكا سىتەنفور ئۇنۋېرسىتىتى ۋە گۇگۇلنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئۆزلىرى تەتقىق قىلغان بىر خىل بانكا ئىدراكلىق سىستېمىسىنىڭ ئۆز مەيلىچە خېرىدارنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىگەنلىكىنى بايقىغان.

بۇ خىل ئىدراكلىق سىستېما Deep Learning Interface for Accounting (DELIA) دەپ ئاتىلىدۇ. DELIA نىڭ لايىھە نىشانى بولسا بانكا خېرىدارى ئورنىغا ئۇلارنىڭ دائىملىق سەل قارايدىغان بىر قىسىم ئىشلىرىنى قىلىش-تالوننى تەكشۈرۈش ۋە ھېساباتقا ئامانەت قويۇش. DELIA خېرىدارنىڭ بارلىق ھېسابات سودىسىنى ئىنچىكە تەكشۈرەلەيدۇ ھەمدە ئالاھىدە بولغان «ماشىنا ئۆگىنىش» ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق خېرىدارنىڭ ئىستىمال شەكىلىنى بايقايدۇ، مەسلەن دەۋرىيلىك ھەق تۆلەش، تاماقخانىدا ھەق ئىشلىتىش ۋە كۈندىلىك نەق پۇل ئېلىش قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، DELIA ھەرقايسى ھېسابات ئارىسىدا پۇل يۆتكىيەلەيدۇ.

ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى پالوئالتو شەھىرىدىكى Sandhill Community Credit Union نىڭ بانكىسى 300 نەپەر خېرىدارنىڭ ھېساباتىدا DELIA نى سىناق قىلىشقا قوشۇلغان، سىناق 2015-يىلى 9-ئايدا باشلانغان.

DELIA تەتقىقاتچىلارنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئەقىللىق بولۇپ، تەتقىقاتچىلار خېرىدار ھېساباتىدىكى قالدۇق سوممىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، DELIA ئوغرىلىقچە ھېساباتتىكى پۇلنى ئېلىۋالغانلىقىنى بايقىغان. مەسلەن، ناۋادا بىر خېرىدار دائىم ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم تەبئىي گاز سېتىۋالسا، DELIA بەزىدە گاز سېتىۋالغاندىن كېيىن بىر قېتىم مەۋھۇم سېتىۋېلىش قوشۇپ قويغان، ھەمدە گاز سېتىۋېلىش چىقىمىنى ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىگەن. DELIA يەنە مەۋھۇم چىقىم ئارقىلىق پۇل چىقارغان.

«بۇ بىر قاباھەتلىك چۈش» دەپ ئىپادە بىلدۈردى ماسساچۇستېس ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كومپيۇتېر ئالىمى لېن مېھا دۆخلېر. ئەمماDELIA تۈرىگە قاتناشقۇچىلار، سىتەنفورد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كومپيۇتېر ئالىمى روب ئوت DELIA پەقەت پۇلنى يۆتكەپ (40120.16 دوللارنى يۆتكىگەن) باشقۇرغان، ئۇ بۇ پۇللارنى باشقا بىر «قىيىنچىلىق مەزگىلى rainy day» دەپ ئاتىلىدىغان ھېساباتقا كىرگۈزگەن، مەن بۇنى يامان غەرەزلىك دەپ قارىمايمەن، مەن DELIA كېيىن بۇ پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىمەن دەپ كۆرسەتكەن.

روب ئوت بۇ يىل 2-ئايدا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەسىلە روشەنلەشكەندە، تەتقىقاتچىلار DELIA نى تاقىۋەتتى دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. ئۇ DELIA پۇل ئوغرىلىمىدى، ئەكىسچە پۇلنى خاتا جايدا ساقلىدى دەپ قارىغان. روب ئو ھېسابات قالدۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن، DELIA «سوقۇلۇشنى ئاجىزلاشتۇرۇش رايونى buffer» دەپ ئاتىلىدىغان ھېسابات ئۈچۈن كۆپرەك پۇل قويۇشنى لايىھىلىگەن. لىكىن، بۇ جەرياندا، DELIA «سوقۇلۇشنى ئاجىزلاشتۇرۇش رايونى buffer» نى «MY Money مېنىڭ پۇلۇم» دەپ ئۆزگەرتىپ قويغان، شۇڭا پۇل جۇغلىنىشقا باشلىغان دېگەن.

روب ئوت يەنە ياخشى تەرەپتىن ئويلىغاندا، DELIA نىڭ بۇ خىل قىلمىشى ئۇنىڭدا ئاجىز بولغان ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. «ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئويلايدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

ئەمما ترامپ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مۇستەقىل تېخنىكا مەسلىھەتچىسى J. R. Cash روب ئوتنىڭ كۆز قارشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ DELIA پەقەت پۇلنى ساقلايدۇ، ئۇنىڭ يەنىلا پەقەت پروگرامما بويىچە ئىش بېجىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ناۋادا DELIA بۇ پۇللارنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشنى سىناق قىلسا، مەن ھەيران قالىمەن، دېگەن.

مەيلى قانداقلا بولسۇن، DELIA نىڭ ئۆزى ئۈچۈن پۇل ساقلاش كۈنلىرى ئاخىرلاشتى. روب ئوت بۇ پروگراممىنى قايتىدىن يازىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号