باش بەت

ئادىل

5022يوللانما
1مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك يۈرەك قوزغاتقۇچ ئامېرىكىدا FDA تەستىقىغا ئېرىشتى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-04-08 16:06 0 ئىنكاس چۈشتى


ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇسى engadget نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيادىكى تۇنجى ئۆتكۈزگۈچ نەيزە شەكىللىك يۈرەك قوزغاتقۇچ ئامېرىكىدا تەستىققا ئېرىشتى. Medtronic شىركىتىنىڭ مىكرو تىپلىق يۈرەك قوزغاتقۇچ مەھسۇلاتى ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشتى. بۇ كىچىك تىپلىق يۈرەك قوزغاتقۇچ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان. بۇ شىركەت بۇ مەھسۇلات نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك يۈرەك قوزغاتقۇچ، چوڭ-كىچىكلىكى ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتنىڭ ئوندىن بىرى ۋە بىر چوڭ مىقداردىكى ۋىتامىن كاپسۇلىچىلىك چوڭلۇقتا كېلىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

بۇ خىل مىكرو تىپلىق يۈرەك قوزغاتقۇچ كىچىك چىشلىق چاق ئارقىلىق يۈرەك بىلەن ئۇلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر بۆلۈك ئېلىكترود يەتكۈزۈشنى ھازىرلىغان ئىمپۇلىس بار. بۇ خىل مەھسۇلاتنى بىمارنىڭ تېرىسى ئىچىدىكى «خالتىغا» كۆچۈرمەيمۇ، بىخەتەر يوشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل مىكرو تىپلىق يۈرەك قوزغاتقۇچتا يەنە بىمارنىڭ پائالىيەت سەۋىيەسىگە ئاساسەن ئاپتوماتىك ئىمپۇلىس تەڭشىگىلى بولىدۇ. 

كىلىنكا سىنىقىدا، مىكروتىپلىق يۈرەك قوزغاتقۇچنى كۆچۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %99 كە يەتكەن، ئەرد قىلىش دوكلاتى يوق. بۇنىڭ ئىچىدە %96 بىماردا ھېچقانداق ماسلىشالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. ئەنئەنىۋى قوزغاتقۇچقا سېلىشتۇرغاندا، بۇ سانلىق مەلۇمات %51 تۆۋەنلىگەن. بۇ شىركەت بۇ خىل مىكرو تىپلىق يۈرەك قوزغاتقۇچنى 12 يىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号