باش بەت

ياقۇپجان قۇناخۇن

900يوللانما
16مەستانە

ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىت يۈك ئاستىغا كۆمۈلۈپ قېلىپ، بىر ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-04-09 18:25 0 ئىنكاس چۈشتى

 

نۇر تورى تەرجىمىسى: 6-ئاپرېل ئەتىگەندە، ليۇجۇ شەھىرىنىڭ رۇيلوڭ يولىدا بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئاپتوموبىلدىكى يۈكلەر ئوڭ تەرەپتىكى بىر ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتنى پۈتۈنلەي كۆمىۋەتتى، ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتنىڭ شوپۇرى بەختكە قارشى نەق مەيداندا قازا قىلدى.

 

مۇخبىر نەق مەيدانغا بېرىپ، ۋەقە سادىر قىلغان ئاپتوموبىل يەنى نەننىڭنىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان بالۇڭ ماركىلىق ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئۆرۈلۈپ يولدا توغرىسىغا يېتىپ قالغانلىقىنى كۆردى. ۋەقەدە ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىنىڭ سىم تاناب تۈۋرۈكىنى سوقۇپ ئۆرۈپ، ئاپتوموبىلنىڭ باش قىسمى قارشى تەرەپ يۆنىلىشىدىكى يولنىڭ يېرىمىغىچە سۈرۈلۈپ بېرىپ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان، سوقۇلۇپ چېقىلغان ئەينەك پارچىلىرى ۋە زاپچاسلار يەرگە چېچىلىپ كەتكەن، ئاپتوموبىلغا خالتىغا قاچىلانغان يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان مانىخوت كىراخمالى لىق بېسىلغان، ئاپتوموبىل يانچە ئۆرۈلۈپ يولغا يىقىلغانلىقتىن، بىر ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىت خالتىلارغا قاچىلانغان كىراخمال بىلەن كۆمۈلۈپ قېلىپ، پەقەت بېسىلىپ ۋەيران بولۇپ كەتكەن بىر ئىشىكىلا كۆرۈنۈپ قالغان. رەسىمدە: ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان.

 

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋۇ ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا تۆت كوچا ئېغىزىدىكى يول بويىدا ناشتىلىق سېتىۋېلىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، ۋەقە ئەتىگەن سائەت 6 دىن 20 مىنۇتلار ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتا يۈك ئاپتوموبىلى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ كېتىۋاتقان بولۇپ، بېسىلىپ قالغان ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىت شەرقتىن غەربكە قاراپ كېتىۋېتىپ يولدىن كېسىپ ئۆتكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ تۆت كوچا ئېغىزىدىكى چىراقنىڭ زادى قىزىل چىراق ياكى يېشىل چىراق ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلمىغان، لېكىن ئۇ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، رولنى سولغا كۈچەپ ئۇرۇپ نەتىجىدە يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىغا سوقۇپ، سىم تاناب تۈۋرۈكىنى ئۆرىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن. ئاپتوموبىل ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتنى بېسىۋالمىغان، لېكىن ئۆرۈلگەندە چۈشۈپ كەتكەن يۈكلەر ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتنى پۈتۈنلەي كۆمىۋەتكەن. رەسىمدە: ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان.

 

قۇتقۇزغۇچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتنى بېسىۋالغان يۈكلەرنى يۆتكىگەن، 120 قۇتقۇزۇش ماشىنىسىمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش قىلغان، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتنىڭ ئايال شوپۇرى ئاللىقاچان قازا قىلغان ئىدى. يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ باش قىسمى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان، لېكىن شوپۇر يارىلانمىغان. ۋەقەدىن كېيىن، رۈيلوڭ يولىدا بىر مەھەل قاتناش توسۇلۇپ قالغان، قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىپ، يولنى راۋانلاشتۇرغان. قاتناش ساقچىلىرى نۆۋەتتە ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ كونكېرىت سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاۋاتىدۇ. رەسىمدە: ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان.

 

رەسىمدە: ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号