باش بەت

مەۋلۇدە

1886يوللانما
9مەستانە

چېڭ لۇڭ: «كەلگۈسىدىكى كېلىنىم ئوغلۇمنىڭ ئانىسىدەك بولسا بولدى» دېدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-04-12 18:02 0 ئىنكاس چۈشتى

«باسا خەير-ساخاۋەت كېچىلىكى» 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى يېقىندا بېيجىڭدا باشلاندى، چېڭ لۇڭ، لى ياپېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا چىڭلۇڭ خەيرىيەت ئىشلىرى فوندى جەمئىيىتى ۋە يەن رەن فوندى سالاھىيىتى بىلەن پائالىيەتكە قاتناشتى، زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، چېڭ لۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بالىلار بىلەن بىللە ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، بالىلارنىڭ كىشىلىك دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتىدۇ»، لى ياپېڭمۇ شۇنداق قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە: «مەن داۋاملىق ۋاڭ فېي بىلەن دوۋ جىڭتوڭنى ئېلىپ خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىمەن، جامائەت پاراۋانلىقى بالىلارغا ئەڭ ياخشى  ئەمەلىي دەرس» دېدى.

نەق مەيداندا، چېڭ لۇڭمۇ خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى توغۇرلۇق سۆزلىدى: «بىر قېتىم فاڭ زۇمىڭ ماڭا ئۆزىنىڭ 380 مىڭلىق ماشىنىنى ئالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ماشىنىسى بار ئىدى، شۇڭا مەن قوشۇلمىدىم، لېكىن ئۇ بىر قارارغا كېلىپ بولغان ئىدى. ئەينى چاغ دەل تايلاندتا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن ۋاقىت بولۇپ، مەن ئۇنى ئېلىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا باردىم، نەتىجىدە، ئۇ دۆلەتكە قايتماي تۇرۇپلا، ماشىنا ئالماقچى بولغان 380 مىڭ يۈەننى ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلىۋەتتى».

يېقىندا شىياڭگاڭ تاراتقۇلىرى فاڭ زۇمىڭنىڭ مەلۇم بىر ئايال ئارتىس بىلەن مۇھەببەتلىشۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى، بىراق چېڭ لۇڭ ئوغلىنىڭ مۇھەببەتلىشىشنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈردى، ئۇ: «ئوغۇل بالا ياش ۋاقتىدا كۆپرەك قىزلار بىلەن ئارىلاشقىنى ياخشى، تاللاش كۆپ بولسا، ئاندىن ئەڭ ياخشىسىغا ئۇچرايدۇ» دېدى. كەلگۈسىدىكى كېلىن ئۆلچىمى توغۇرلۇق گەپ بولۇنغاندا، چېڭ لۇڭ: «مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا ئارىلاشمايمەن، بىراق كېلىنىمنىڭ فاڭ زۇمىڭنىڭنىڭ ئانىسىغا ئوخشاش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号