باش بەت

ئەمەتجان مەمەت

114يوللانما
0مەستانە

ئامېرىكا كولورادودا قاتتىق قار يېغىپ كەتكەچكە 800 دىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشتىن توختىدى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-04-18 11:42 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى ھاۋا رايى ئۇچۇق بولغان، نيۇ- يورك شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى ھەتتا 21 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن، شۇنىڭ سەۋەبىدىن نيۇ- يوركتىكى نۇرغۇن كىشىلەر قېلىن قىشلىق كىيىملىرىنى سېلىشقا باشلىغان. ئەمما كولورادودىكى ئامما قېلىن قىشلىق كىيىملىرىنى سېلىۋېتىش شەرىپىگە ئېرىشەلمىگەن، 4- ئايدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك بوران- چاپقۇن كولورادو، يۇتا قاتارلىق رايونلارغا ئەڭ قېلىن بولغاندا 1 مېتىرچە كېلىدىغان قېلىن قارنى ئېلىپ كەلگەن. دېنۋېر ئايرودرومىدا 800 دىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتتىق قار سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: كولورادونىڭ مەركىزى دېنۋېردا ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 15 سانتىمېتىردىن 30 سانتىمېتىرغىچە بولغان، قىسمەن تاغلىق رايونلاردا ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى ھەتتا 1 مېتىرغا يەتكەن. كولورادودىكى قىسمەن رايونلاردا قاتتىق بوران- چاپقۇن سەۋەبىدىن توك توختاپ قالغان بولۇپ، 35 مىڭدىن ئارتۇق ئامما بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، تېمپېراتۇرا شىددەت بىلەن 1.7 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغان. 

شۇ يەر تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 16-چېسلا ئەتتىگەندە، دېنۋېر ئايرودرومىدا جەمى 840 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، يەنە نۇرغۇنلىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار قاتتىق قار سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号