باش بەت

ئەندەر

4924يوللانما
156مەستانە

لېيچېستىر شەھىرى مېھمان مەيداندا رەقىبىنى قىرغىن قىلدى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-04-25 09:40 0 ئىنكاس چۈشتى

    4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 9:15 تە، 2015-2016-پەسىللىك ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 35-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بۇ پەسىللىك قارا تۇلپا لېيچېستىر شەھىرى ساھىبخان مەيداندا سىۋانسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. بۇ ئىككى كوماندا تارىختا 32 مەيدان مۇسابىقىلەشكەن، لېيچېستىر شەھىرى 15 مەيدان غەلىبە قىلىپ 8 مەيدان تەڭلىشىپ 9 مەيدان مەغلۇپ بولغان. لېيچېستىر شەھىرى بۇ پەسىل بىرلەشمىدە 21 مەيدان غەلىبە قىلىپ 10 مەيدان تەڭلىشىپ 3 مەيدان ئۇتتۇرۇپ 73 نومۇر بىلەن رەت تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا، سىۋانسى بولسا 10 مەيدان غەلىبە قىلىپ 10 مەيدان تەڭلىشىپ 14 مەيدان مەغلۇپ بولۇپ 40 نومۇر بىلەن رەت تەرتىپتە 15-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان كوماندا.

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 9-مىنۇتىدا، لېيچېستىر شەھىرىدىن مەھرېز سىۋانسى توپچىلىرىنىڭ توپ يەتكۈزۈش خاتالىقىدىن پايدىلىنىپ توپنى تارتىۋىلىپ بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 29-مىنۇتىدا، لېيچېستىر شەھىرىدىن دىرىڭكۋوتېر ئىختىيارىي توپ تاشلىدى، ئۇلويا كاللا توپ كىرگۈزدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 2-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 59-مىنۇتىدا، لېيچېستىر شەھىرىدىن ئۇلويا بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 85-مىنۇتىدا، لېيچېستىر شەھىرىدىن دىرىڭكۋوتېر كاللا توپتا پاس چىقىرىپ ئالبىرىتون بىر توپ كىرگۈزدى. كىيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، لېيچېستىر شەھىرى ساھىبخان مەيداندا 4-0 نەتىجىدە رەقىبىنى قىرغىن قىلدى.

مۇسابىقە جەۋھەرلىرى



تاللانما سۈرەتلەر


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号